مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ھۆججەتلەر مۇزاكىرە قىلىندى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2021.10.20 08:51 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6 - ئومۇمىي يىغىنىنى 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 11 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىش قارار قىلىندى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارارى» ئارگىنالىغا پارتىيە ئىچى - سىرتىدا مۇئەييەن دائىرىدە پىكىر ئېلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ ئۆتتى، بۇ قېتىمقى يىغىندا مۇزاكىرە قىلىنغان پىكىرگە ئاساسەن تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، قارار ئارگىنالىنى 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق قارالدى: بۇ قېتىمقى پىكىر ئېلىشتا دېموكراتىيە جارى قىلدۇرۇلۇپ، كۆپچىلىكنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ئىشقا سېلىنىپ، پارتىيە ئىچى - سىرتىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى ۋە تەكلىپلىرى كەڭ دائىرىدە ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكرىنى يۈزتۇرا ئاڭلىدى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەر ۋە پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قارار ئارگىنالىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، قارار ئارگىنالىنىڭ رامكا قۇرۇلمىسى ۋە ئاساسىي مەزمۇنىنى بىردەك قوللاپ، قارار ئارگىنالىدا ھەقىقەت ئەمەلىيەتتىن ئىزدەلگەن، تارىخقا ھۆرمەت قىلىنغان، باش تېمىسى روشەن، يەكۈنلەش ئەتراپلىق بولغان، دەپ قارىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، نۇرغۇن ناھايىتى ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. قارار ئارگىنالىغا ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ پىكرى ۋە تەكلىپى قوبۇل قىلىندى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جۇڭگودىن ئىبارەت بۇ بىپايان زېمىندا ئىنسانلار تەرەققىيات تارىخىدىكى ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى سىزىپ چىقتى، يېقىنقى دەۋردىكى 100 نەچچە يىلدا قۇل قىلىنىش ۋە بوزەك بولۇشنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان جۇڭگو خەلقىنى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە جۇڭخۇا مىللىتىنى زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئومۇميۈزلۈك ئاتلىنىش، 500 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەتتە مۇۋەپپەقىيەت يولى ئېچىش، يېڭى جۇڭگونى چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك كۈرەش مۇساپىسىدە، يولداش ماۋ زېدۇڭ، دېڭ شياۋپىڭ، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ ئاساسىي ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇپ مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يېڭى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، پارتىيە رايى، ئارمىيە رايى، خەلق رايى مىسلىسىز مۇجەسسەملىنىپ ئۇرغۇتۇلدى، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى كۈنسېرى مۇستەھكەملىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ مۇكەممەل تۈزۈم كاپالىتى، تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساس، تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى باتۇرلۇق، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ دۇنياغا تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق جاكارلىدى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىغا ياندۇرغىلى بولمايدىغان تارىخىي مۇساپىگە قەدەم قويدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۈتۈن پارتىيە جەزمەن خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ تۇرغانلار مەۋجۇت بولىدۇ، راھەت - پاراغەتكە بېرىلگەنلەر ھالاك بولىدۇ، دېگەننى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر ۋاقىت كەلگۈسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، خاتىرجەم شارائىتتىمۇ خەۋپ - خەتەرنى ئويلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ياخشى قوغداپ، ياخشى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، گۈزەل تۇرمۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ