مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ 2-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

ئېچىۋېتىش، بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودا، سېلىنمىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەدەنىيلىكنى يۇغۇرۇش، تۇتاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

2021.10.18 09:17 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچتە سىنلىق شەكىلدە 2-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم «دۇنيا بىلەن زىچ باغلىنىش دەۋر بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: قاتناش ئىقتىسادنىڭ تومۇرى ۋە مەدەنىيلىكنىڭ ۋاسىتىسى. قەدىمىي يىپەك يولىدىكى كولدۇرما، يەلكەن كۆلەڭگىسىدىن دېڭىز قاتنىشى دەۋرىدىكى دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەشكىچە، يەنە زامانىۋى قاتناش تورىنىڭ تەرەپ- تەرەپكە تۇتىشىشىغىچە، قاتناش ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشلەشتۈرۈلۈشى، ئادىمىيەت ئالاقىسىگە تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانى زىچ باغلانغان «يەر شارى كەنتى»گە ئايلاندۇردى. ھازىر، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى بىلەن ئەسىر يۇقۇمى گىرەلىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئېغىر خىرىس ئېلىپ كەلدى. بىز دۇنيانىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىپ، يەر شارىۋى قاتناش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودا، سېلىنمىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەدەنىيلىكنى يۇغۇرۇش، تۇتاشتۇرۇشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، ئېچىۋېتىش، بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كەمسىتىش خاراكتېرلىك، يەكلەش خاراكتېرلىك قائىدە ۋە سىستېما قوللانماي، ئىقتىسادنىڭ يەر شارىۋىلىشىشىنىڭ تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، تەڭپۇڭ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»، تۈزۈم، قائىدىلەرنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»نى كۈچەيتىپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ئاسمان، توردىن ئىبارەت «تۆتنى بىر گەۋدە قىلىش» بويىچە ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادىل، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشى ھەقىقىي تەرەققىي قىلغانلىق بولىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق بېيىشى ھەقىقىي بېيىغانلىق بولىدۇ. تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ ئىستىقبال ئېچىپ بەرگىلى بولىدۇ. قاتناشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، نامرات رايونلارنىڭ قاتناش سېلىنمىسىنى زورايتىپ، نامرات رايونلارنىڭ ئىقتىسادىنى، خەلق تۇرمۇشىنى يول ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش كېرەك. جەنۇب-شىمال ھەمكارلىقى، جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەڭ تەرەققىي تاپمىغان دۆلەتلەر، ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۆپ قوللاپ، ئورتاق گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  ئۈچىنچى، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاقىل قاتناش ۋە ئاقىل ئەشيا ئوبوروتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، چوڭ سانلىق مەلۇمات، ئالاقە تورى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رايون-بۆلەك زەنجىرى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىنىڭ قاتناش كەسپى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كىشىلەرنى سەپەرگە چىقىش، ئەشيا ئوبوروتىنىڭ راۋان بولۇشىدىن بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.

  تۆتىنچى، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات ئىقتىساد سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك تەدبىر. يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق قاتناش-تىرانسپورت شەكلىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، يېشىل ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغان، رەقەملەشتۈرۈلگەن، يېنىكلەشتۈرۈلگەن قاتناش جابدۇقلىرىنى كېڭەيتىپ، يېشىل سەپەرگە چىقىشقا ئىلھام بېرىپ، يېتەكچىلىك قىلىپ، قاتناشنى تېخىمۇ مۇھىت ئاسرايدىغان قىلىش، سەپەرگە چىقىشنى تېخىمۇ تۆۋەن كاربونلۇق قىلىش كېرەك.

  بەشىنچى، كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يەر شارىۋى بايلىقنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، يەر شارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، يەر شارىۋى تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030-يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، نامراتلارنى ئازايتىش، سەھىيە، قاتناش ئەشيا ئوبوروتى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان يەر شارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىغا پائال قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلار كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىپ، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىپ، قاتناش چوڭ دۆلىتى قۇرۇپ چىقتى، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلەتمەكتە. بىز قاتناشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تورى، يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تورى، دۇنيا دەرىجىلىك پورت توپى قۇرۇپ چىقتۇق، ئاۋىياتسىيە، دېڭىز قاتنىشى پۈتۈن يەر شارىغا تۇتاشتى. بىز يېڭىلىق يارىتىش يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، گاۋتيې، چوڭ ئايروپىلان قاتارلىق جابدۇق ياسىمىچىلىقىدا مۇھىم، زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇردۇق، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل پۈتۈن يەر شارىدىكى ئومۇمىي مىقدارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكنى ئىگىلىدى، شياڭگاڭ-جۇخەي-ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكى، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتى قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى قاتناش قۇرۇلۇشلىرى پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، قاتناش جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىشىدىكى يول ئاچقۇچى ئاۋانگارتقا ئايلاندى. بىز قاتناش ئارقىلىق دۇنيانى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ ئۇلىنىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، مال سودا سوممىسى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلاندۇق. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى مەزگىلىدە، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، يىراق ئوكيان يۈك پاراخوتى كېچە - كۈندۈز مېڭىپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو داۋاملىق تۈردە ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىك بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيا بىلەن زىچ باغلىنىپ، دەۋر بىلەن تەڭ تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، يەر شارىۋى تەرەققىيات ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ. جۇڭگونىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش يۆنىلىشى ئۆزگەرمەيدۇ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى پەقەت بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، مەڭگۈ تاقىلىپ قالمايدۇ. جۇڭگو داۋاملىق تۈردە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېشىل يىپەك يولى ۋە رەقەملىك يىپەك يولى قۇرۇشنى تېزلىتىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق جاكارلىدى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو خەلقئارا ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناشتا يېڭىلىق يارىتىش ۋە بىلىم مەركىزى قۇرۇپ، يەر شارىۋى قاتناش تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: بىز قول تۇتۇشۇپ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان جاھاندىكى توغرا يولدا مېڭىپ، ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئېچىۋېتىشچان، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل بىر دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولايلى.

  دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، سەي چى، ۋاڭ يى، خې لىفېڭ قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  2-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يەر شارىۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل قاتناش يىغىنى 10-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە تور ۋە تور سىرتى بىرلەشتۈرۈلگەن شەكىلدە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوۋ، ئېفىيوپىيە زۇڭتۇڭى ساغلې-ۋوك، پاناما زۇڭتۇڭى كورتىزو، گوللاندىيە باش ۋەزىرى رۇتتې، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گوتېررېس قاتارلىقلار تەكلىپكە بىنائەن سىنلىق شەكىلدە سۆز قىلدى. 171 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ