مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2021.10.21 13:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 10-ئاينىڭ 20-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا كۈزلۈك يىغىم ۋە كۈزلۈك تېرىلغۇ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ قىشتىن بىخەتەر، ئىللىق ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى؛ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىشنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملاشتى. ئاشلىق باھاسى تۈرلۈك باھانىڭ ئاساسى، ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچىدە يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالىدۇ. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، يېقىندا شىمالدىكى يامغۇرلۇق ھاۋارايىنىڭ كۈزلۈك يىغىم ۋە كۈزلۈك تېرىمغا ئېلىپ كەلگەن پايدىسىز تەسىرى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى باھاسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى قاتارلىق خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، يىغىشقا تېگىشلىك كۈزلۈك ئاشلىقنى ئىمكانقەدەر يىغىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ھوسۇل ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، كۈزلۈك ۋە قىشلىق تېرىم كۆلىمىنى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىملاشتۇرۇپ، كېلەر يىلى يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرى كۈزلۈك ئاشلىق يىغىشقا چىڭ تۇتۇپ تەشكىللەپ، ئاشلىقنى قۇرۇتۇپ، يىغىپ ساقلاشنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، كۈزلۈك، قىشلىق تېرىمنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. سۇ يىغىلىپ قالغان ئېتىزلاردا سۇ چىقىرىشنى تېزلىتىش كېرەك. ئاپەت سەۋەبىدىن ئۇرۇق سېلىش كېچىككەن يەرلەرگە بالدۇر پىشىدىغان سورتلارنى تاللاش، ئۇرۇق سېلىش مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش، ئاساسىي ئوغۇتنى ئىلمىي كۆپەيتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، كېچىكىپ ئۇرۇق سېلىشنىڭ تەسىرىنى ئىمكانقەدەر تۆۋەنلىتىش كېرەك. ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ مايسا يېتىشتۈرۈش، قىشلىق ئېتىز پەرۋىشى ۋە كېسەللىك-زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىنىڭ باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش كېرەك. ئۇرۇق بىلەن تەمىنلەش ۋە سۈپەتنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. خام ئەشيا ۋە ئېنېرگىيە ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى كارخانىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىمپورت- ئېكسپورتنى تەڭشەش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، خىمىيەۋى ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرى بىلەن تەمىنلەشنى ئاشۇرۇش كېرەك. تۆتىنچىدىن، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېتىز-ئېرىقلاردىكى زەينى چىقىرىۋېتىش، ئاشلىق قۇرۇتۇش قاتارلىقلاردا توك، دىزېل مېيى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. يېزا ئىگىلىك تارماقلىرى ھازىر بار بولغان مەبلەغدىن بىرتۇتاش ياخشى پايدىلىنىپ، يەرلىكنىڭ كۈزلۈك يىغىم ۋە كۈزلۈك، قىشلىق تېرىمىغا مەدەت بېرىشى كېرەك. ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلارغا مەركەز مالىيەسى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا يەنە مۇۋاپىق مەبلەغ ئاجرىتىشى كېرەك. مالىيە تارماقلىرى كېلەر يىللىق ئالاقىدار يۆتكەپ چىقىم قىلىش مەبلىغى ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى سېتىۋېلىش تولۇقلىمىسى قاتارلىقلارنى مۇددەتتىن بۇرۇن چۈشۈرۈپ، يەرلىكنىڭ كېچىكىپ تېرىش ۋە قۇرۇتۇش ماشىنىسى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، قۇرۇتۇش مەشغۇلاتىغا مۇۋاپىق ياردەم بېرىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: خەلق ئاممىسىنىڭ، بولۇپمۇ ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنىڭ قىشتىن بىخەتەر، ئىللىق ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئېنىق تەلىپى. مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل قىش پەسلىدە شىمالىي جۇڭگو قاتارلىق رايونلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەتتىكى يىللارنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن تۆۋەنرەك بولىدىكەن، ھەتتا ناچار ھاۋارايى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن. يىغىندا مۇنۇلار قارار قىلىندى: ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئامما ۋە بازار سۇبيېكتىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك. بىرىنچىدىن، قىش پەسلىدە شىمالدىكى رايونلار، بولۇپمۇ شەرقىي شىمالنى پار بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پار بىلەن تەمىنلەشكە ئىشلىتىلىدىغان كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە توشۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كۆمۈر بازىرىدا ھايانكەشلىك قىلىشقا قانۇن بويىچە زەربە بېرىش كېرەك. ئىككىنچىدىن، شىمالدىكى نۇقتىلىق رايونلارنىڭ ئىسسىنىش، گاز ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. گاز بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىنى ئىمكانقەدەر بايلىق بىلەن تەمىنلەشنى كۆپەيتىپ، گاز بايلىقىنى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇپ، «جەنۇبنىڭ گازىنى شىمالغا يەتكۈزۈش»نى دەل ۋاقتىدا تەشكىللەپ، شەكىللەنگەن زاپاس گاز مىقدارىنى ياخشى ئىشلىتىپ، يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. كۆمۈر ئىشلىتىشكە باب كەلسە كۆمۈر ئىشلىتىش، توك ئىشلىتىشكە باب كەلسە توك ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئاممىنىڭ ئىسسىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۈچىنچىدىن، كۆمۈر، توك، ماي، گاز، تىرانسپورتقا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كۈندىلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەپتىلىك تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. يەرلىكنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، يەرلىكنىڭ گاز، پار بىلەن تەمىنلەش كارخانىلىرىغا مۇۋاپىق مەدەت بېرىشىگە ئىلھام بېرىپ، پۇقرالارنىڭ گاز ئىشلىتىش ۋە ئىسسىنىش باھاسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. توك ئىشلىتىشنى تەرتىپلىك، ئىلمىي يولغا قويۇپ، «زۆرۈر بولمىغانلىرىنى توختىتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش» لايىھەسىنى ياخشى ئىشلەپ، شەھەرنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى مۇۋاپىق كونترول قىلىش كېرەك. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ توكنى تېجەپ ئىشلىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قاتارلىق بازار سۇبيېكتلىرىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كاپالەتلىك قىلغانلىق بولۇپ، بۇ تەمىنلەشنى كۆپەيتىش، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقىمۇ پايدىلىق. كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، قاراتمىلىق ھالدا كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ، قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئىككىلەمچى كەسىپلەرگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ تەننەرخ بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، باسقۇچ خاراكتېرلىك باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ، جايلارنى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ ئۆي ئىجارە ھەققى، سۇ، توك پۇلىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىشىغا ئىلھام بېرىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ