مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ مەملىكەتلىك ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ جۇشقۇن كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك

2021.10.20 14:08 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:10–ئاينىڭ 19–كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2021–يىللىق مەملىكەتلىك ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكىگە قاتنىشىپ مۇھىم سۆز قىلدى ھەمدە پائالىيەت ھەپتىلىكىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكى ئىگىلىك تىكلىگۈچى ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچىلارنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلىدىغان، ئىجادىيەت توغرىسىدا پىكىرلىشىدىغان، ئالماشتۇرۇپ ھەمكارلىشىدىغان چوڭ سەھنە. ھەر قېتىم قاتناشقىنىمدا تولۇپ تاشقان ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلىمەن.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەت ئىچى–سىرتىدىكى ئىنتايىن مۇرەككەپ، كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەت يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە جاسارەت بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نەتىجە ئاسان قولغا كەلمىدى، بۇ، مىليونلىغان خەلق ئاممىسىنىڭ، مىليونلىغان بازار سۇبيېكتىنىڭ ئەمەلىي ئىشلەپ كۈرەش قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ. نۇرغۇن بازار سۇبيېكتى قەد كۆتۈرۈپ، جانلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق نەتىجە ياراتتى، كۈرەش قىلىش ئارقىلىق بايلىق ياراتتى. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان جۇشقۇن كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشتا مۇھىمى ئاۋام، خەلق ئاممىسى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ كۈچى. جۇڭگو يەنىلا سوتسىيالىزمنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ ھەم ئۇزاققىچە تۇرىدۇ، بۇ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، تەرەققىيات بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاستىلاش قاتارلىق خىرىسلار ئالدىدا، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تەلىپىگە ئاساسەن «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش، بولۇپمۇ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بازار سۇبيېكتىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئالدىنقى ئۈچكە كاپالەت قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، بازارلاشتۇرۇش چارىسى ئارقىلىق ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كۆپنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئەمگىكى، ئەقىل-پاراسىتىنى تېخىمۇ تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم ئايلىنىشى ۋە سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئېلىمىزدە 150 مىليونغا يېقىن بازار سۇبيېكتى بار، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا بازار سۇبيېكتىغا تايىنىش كېرەك. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ بازار سۇبيېكتلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك. ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تىرەك بولۇپ، بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن تۈمەنلىگەن ئوقۇغۇچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش يولىنى كېڭەيتىدۇ. «قويۇپ بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مونوپوللۇققا ۋە ناتوغرا رىقابەتكە قارشى تۇرۇپ، ئادىل، ھەققانىي بازار تەرتىپىنى قوغداش كېرەك. دىققەتنى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا باجدا ئېتىبار بېرىش، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق سىياسەتلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەسلەپ قۇرۇلغان كارخانىلار، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى «باشقا كۈن چۈشكەندە ياردەم بېرىش» ئارقىلىق قوللاش كېرەك. ئۇل تەتقىقات ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى زورايتىپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تېخنىكا يېتىشتۈرۈش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش، مەبلەغ سېلىش قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ئالاقە تورى +»غا تايىنىپ يۈرۈشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش كۆپەيتكۈچى ئېففېكتىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، زورايتىش كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەپ ۋە توپلاپ، ئىلىم-پەن روھى، كەسىپ روھى، ھۈنەرۋەن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىيەتچىل، سەمىمىي بولۇشنى قەدىرلەپ، ئىگىلىك تىكلەشنى ئويلايدىغان، يېڭىلىق يارىتىشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، ئىجاد قىلالايدىغان مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگۈچىلەرنى قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ، كۈرەش قىلىش داۋامىدا قالتىس ئىجادىيەتلەرنى يارىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ يەنە سىن ئارقىلىق شاڭخەي قاتناش داشۆسىنىڭ پەن -تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، پۇقراۋى كارخانا مۇچى شىركىتىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قۇرغان ۋۇشى خەيسىكېر شىركىتىنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى قاتارلىقلارنى كۆرۈپ، ئۇلارنى ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش كەڭ سەھنىسىدە داۋاملىق مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى.

  خې لىفېڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. خېنەن ئۆلكىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىش ھەپتىلىكىنىڭ جېڭجوۋدىكى ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا سۆز قىلدى. ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش ۋەكىلى سۆز قىلدى. شياۋ جيې، ۋەن گاڭ پائالىيەتكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ