لى كېچياڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى

2021.10.21 14:19 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 18-ئۆكتەبىر بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭگې سارىيىدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 18-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى زىگۇاڭگې سارىيىدا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركىل بىلەن سىنلىق كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مېركىلنىڭ گېرمانىيە بىلەن ياۋروپانىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالاقىسىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرگەنلىكىگە ئىجابىي باھا بەردى ھەمدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى كېڭەيتىشكە كۈچ چىقاردى. ئورتاق تىرىشىش ئارقىلىق، جۇڭگو-گېرمانىيە ھەمكارلىقى جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا مۇقىم ماڭدى. جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى، ئۆسۈپ يېتىلىشى ئاساسلىقى ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئەمەلىي ھەمكارلىشىشقا مەركەزلەشتۈرگەنلىكىدىن؛ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلغانلىقىدىن؛ كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرغانلىقىدىن بولدى. جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ساقلاش جۇڭگو-گېرمانىيە ئىككى دۆلەتكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، دۇنياغا پايدىلىق. كېلەر يىلى جۇڭگو-گېرمانىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلگىرىكىدەكلا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، گېرمانىيە يېڭى ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئاكتىپ، ئەمەلىي سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو-گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ھەمكارلىقىنىڭ ئاساسىي رىتىمىنى مۇستەھكەملىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھۆكۈمەتلەر كېڭىشىشى قاتارلىق ئىككى تەرەپلىك سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇش مېخانىزمىدىن داۋاملىق ياخشى پايدىلىنىپ، ھەمكارلىق ئاساسىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو گېرمانىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، خەلقئارا يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنى ساقلاپ، قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى ئورتاق قوغداپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياۋى خىرىسقا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ مېركىلنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغاندىن كېيىن دائىم جۇڭگوغا كېلىپ، جۇڭگو-گېرمانىيە، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مېركىل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈنسېرى كېڭەيتتى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھاياتىي كۈچكە تولغان، گېرمانىيە جۇڭگو بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئەلئارا ئالاقىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا ياخشى، ئادىل بازار شەرتى ئىجازىتىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. گېرمانىيە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە داۋاملىق ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئىككى تەرەپنىڭ كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، گېرمانىيە-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ