مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەن جېڭ قازاقىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئىسمائىلوف بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.10.25 09:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ10–ئاينىڭ 21–كۈنى بېيجىڭدا قازاقىستاننىڭ 1-مۇئاۋىن زۇڭلىسى ئىسمائىلوف بىلەن تېلېفونلاشتى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو-قازاقىستان چېگرا پورتىنىڭ مال ئۆتكۈزۈش ئىشلىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ تەسىرىدە، جۇڭگو- قازاقىستان چېگرا ئېغىزلىرىدا مال ئۆتكۈزۈش بېسىمى ئېشىپ كەتتى، ئىككى تەرەپ ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشى كېرەك. قاراتمىلىقى بولغان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چېگرا يۇقۇم مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئاساسىدا، ئىككى دۆلەت ماللىرىنىڭ تاموژنىدىن نورمال ئۆتۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تۆمۈريولدىن ئۆتىدىغان ماللارغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى ئورتاق تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىپ، تاشيول، پورتلاردا مال ئۆتكۈزۈشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، تېزدىن نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. ئىككى تەرەپنىڭ جۇڭگو-قازاقىستان ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىپ، كېيىنكى باسقۇچتىكى ھەمكارلىق مۇھىم نۇقتىسىنى پىلانلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ئىسمائىلوف مۇنداق بىلدۈردى: قازاقىستان تەرەپ قازاقىستان-جۇڭگو ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى، بولۇپمۇ چېگرا پورتىدا مال ئۆتكۈزۈشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، قازاقىستان-جۇڭگو پورتى يۈك تىرانسپورتىنىڭ راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، قازاقىستان- جۇڭگو ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ