مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ يېڭى زېلاندىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ۋالىيسى كىروغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.10.22 20:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-ئۆكتەبىر يېڭى زېلاندىيەنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ۋالىيسى كىروغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ يېڭى زېلاندىيەنىڭ باش ۋالىيسى بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن يېڭى زېلاندىيە ئۆزئارا مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 49 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىدا كۆپ تۈردە «بىرىنچى»لىك يارىتىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي مەنپەئەت ئېلىپ كەلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى ئالدىدا، جۇڭگو- يېڭى زېلاندىيە ئىككى تەرەپ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، ئىقتىسادنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مول، ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. مەن جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، باش ۋالىي كىرو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-يېڭى زېلاندىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ