مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتئادا قىلىپ، خەلقنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىرادىسىگە سادىق بولۇشنى تەكىتلىدى

2021.10.25 12:09 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋېييۈەنجاڭى لى جەنشۇ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-يىغىنىغا سىرتتىن قاتناشقان 50 نەچچە ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلەشتى ۋە پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۈكسەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش كېرەك.

  سۆھبەت يىغىنىدا، ۋەكىللەر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەسئۇلىيەت ئادا قىلىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش تەسىراتى ئالماشتۇردى ۋە پىكىر-تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. لى جەنشۇ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ماركسىزملىق ھەقىقەت كۈچىگە تولغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت بولۇپ، ناھايىتى كۈچلۈك نەزەرىيەۋىلىككە، سىياسىيۋىلىككە ۋە ئىدىيەۋىلىككە ئىگە. ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش، ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ھەم يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، شۇنداقلا ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى دۆلەتنىڭ ھوقۇقلۇق ئورگىنى تەركىبىدىكى خادىملار بولۇپ، زور سىياسىي مەسئۇلىيەت، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت ۋە قانۇن جاۋابكارلىقىنى زېممىسىگە ئالغان. باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە، پارتىيە ۋە خەلققە سادىق بولۇشى، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا سادىق بولۇشى، سىياسىي مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشى، سىياسىي جەھەتتە زېرەك ئادەم بولۇپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ۋەزىپە-مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشى، خەلقنىڭ مەنپەئەتى ۋە ئىرادىسىگە سادىقلىق بىلەن ۋەكىللىك قىلىشى، خەلقنىڭ نازارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەم ۋە قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ھەسسىلەپ قەدىرلىشى ۋە ئاڭلىق تۇرغۇزۇشى، ئۆز خىزمەت ئورنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، تۆھپە قوشۇپ ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى، پارتىيە، خەلقنىڭ ئىشەنچى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىغا مۇناسىپ ئىش قىلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ۋەكىللەرنىڭ خىزمەت ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشىنى قوللاپ ۋە كاپالەتلەندۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى قىلىشى كېرەك.

  لى جەنشۇ يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇش ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىگە يۈكلەنگەن مۇھىم مەسئۇلىيەت، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنىڭ مۇھىم ئاساسى، شۇنداقلا پۈتكۈل جەرياندا خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. خەلق ئارىسىدىن كېلىپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىشتەك ئالاھىدىلىك ۋە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش ۋە مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇ-ئۈمىدلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلاشنىڭ مەزمۇنى ۋە شەكلىنى بېيىتىپ، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى يېقىنلىشىش، ئەلرايىنى كۆزىتىپ، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق ئالاقە باغلىشىدىكى ياخشى كۆۋرۈك ۋە رىشتە بولۇشى كېرەك.

  لى جەنشۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزدىكى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى جاي-جايلارغا تارقالغان بولۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردە خىزمەت قىلىدۇ، ھەم خەلققە ۋاكالىتەن دۆلەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇشقا قاتنىشىدۇھەم ئۆز ئىش ئورۇنلىرىدا نەمۇنىلىك ۋە باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ھوقۇقى ناھايىتى كۈچلۈك قانۇنىيلىق، تەشكىلچانلىق ۋە تەرتىپچانلىققا ئىگە بولۇپ، مېڭىنى سەگەك تۇتۇپ، ۋەكىللىك رولىنىڭ ئورنى، مەسئۇلىيەت بۇرچى ۋە ھوقۇق يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىنى توغرا تونۇشى كېرەك، ۋەكىللىك سالاھىيىتىگە بولغان تونۇش، زېممىسىگە ئالغان خىزمەت ئورنىنىڭ ئورنىنى بېكىتىش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى ھوقۇق يۈرگۈزۈش دائىرىسى قاتارلىقلاردا ئېغىپ كېتىشكە بولمايدۇ، شۇنداقلا خەلق بەرگەن ھوقۇقنى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ