مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-قېتىملىق يىغىنى 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى

گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتى تۇنجى قېتىم ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىت بۇلغىشىدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى تۈزەش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش توغرىسىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى

لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى

2021.10.25 12:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  مۇئاۋىن ۋېييۈەنجاڭ جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 160 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقانلار سانى قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن.

  يىغىندا گوۋۇيۈەننىڭ 2020-يىللىق دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرسال دوكلاتى قاراپ چىقىلدى. دوكلاتتا دۆلەت مۈلكىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، باشقۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالى، ئالدىنقى يىللىق قاراپ چىقىش پىكرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشنى بىرتۇتاش يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى بىلەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشنى ئۈزۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش؛ دۆلەت مۈلكى ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ دۆلەت ئىلكىدىكى پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش؛ مەمۇرىي ۋە كەسپىي خاراكتېرلىك دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇشنىڭ سۈپەت ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش؛ تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىش ئاساسىنى سىجىل پۇختىلاشتىن ئىبارەت كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئورنىتىش توغرىسىدىكى پىكرى» گە ئاساسەن، يىغىندا تۇنجى قېتىم گوۋۇيۈەننىڭ 2020-يىللىق دۆلەت تەبىئىي بايلىق باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى مەخسۇس دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. مەخسۇس دوكلاتتا دۆلەت ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلۇپ، تەبىئىي بايلىقنى باشقۇرۇشتا قوللىنىلغان تەدبىرلەركۈچەيتىلگەنلىكى ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تەبىئىي بايلىقنى قوغداشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، تەبىئىي بايلىقتىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىش ۋە قوغداش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەت ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن ئىبارەت كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لۇ خاۋ مەخسۇس دوكلات بەردى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خامچوت خىزمىتى كومىتېتى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى، مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتى مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، دۆلەت تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. يىغىندا مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، دائىمىي كومىتېت خامچوت خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى ياۋبىننىڭ 2020-يىللىق دۆلەت تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا دۆلەت ئىلكىدىكى تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇشنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەر تونۇشتۇرۇلۇپ،ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۆلەت تەبىئىي بايلىق مۈلكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئۈزۈۈكسىز پۇختىلاپ، قانۇنچىلىق ۋە ئىدارە قىلىشتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تېزدىن تولۇقلاشقادائىر تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يىغىندا مائارىپ مىنىستىرى خۇەي جىنپېڭنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىنى يولغا قويۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەت ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلۇپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىنى يولغا قويۇشتا ساقلانغان مەسىلىلەر كۆرسىتىپ بېرىلدى، ئوقۇتقۇچىلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ۋە پىلانى دوكلات قىلىنىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇتقۇچىلار تەرەققىيات سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك كەسىپلەشكەن ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدىكى بوغما ھالەت، قىيىن مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى كېيىنكى قەدەمدىكى پىلان ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يىغىندا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭنىڭ خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىرسوتلاش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر دېلولارنىسوتلاش خىزمەت ئەھۋالى، ئۈنۈمى، ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلار تونۇشتۇرۇلدى. دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كېيىنكى قەدەمدە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر دېلوللارنىسوتلاش ساھەسىدىكى ئەدلىيە ئىسلاھاتىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىر دېلولارنىسوتلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى كەڭ كۆلەمدە قوغداش خىزمەت ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى خەلقئارا ئەدلىيە ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىپ، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دائىرسوتلاش قوشۇنى قۇرۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنى كۈچلۈك ئەدلىيە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  يىغىندا ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باش تەپتىشى جاڭ جۈننىڭ خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەرز-شىكايەت دېلولىرىنى بېجىرىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قوبۇل قىلىنغان ئاممىنىڭ ئەرز-شىكايەتلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى، ئەرز-شىكايەت دېلولىرىنى بېجىرىش، زىددىيەت-ماجىرالارنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسلىق ئۇسۇلى ۋە ئۈنۈمى تونۇشتۇرۇلدى. ساقلانغان مەسىلىلەر توغرىسىدا دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كېيىنكى قەدەمدە خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەرز-شىكايەت تەپتىشلىكى خىزمىتىدە ئەسلىي مەقسەت-بۇرچنى ئەمەلىيەتتە تېخىمۇ ياخشى كۆرسىتىش؛ ئاممىنىڭ ئەرزىيىتىگە «بىرمۇبىر جاۋاب بېرىش» تۈزۈمىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دېلونى ئاياغلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەرز-شىكايەت دېلولىرىنى بېجىرىشنى تېخىمۇ كۈچلۈك ئارقا تىرەككە ئىگە قىلىش؛ شۇنداقلا ئەرز-شىكايەت تەپتىشلىكى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېن يۆيۆنىڭ دائىمىي كومىتېت قانۇن ئىجرا قىلىش-تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىت بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا قانۇن يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئىلگىرىلەش ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلۇپ، ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەر كۆرسىتىلدى، پىكىر ۋە تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېشىل ۋە تۆۋەن كاربونلۇق ئايلانما تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈرۈشلەشكەن قانۇن-نىزام ئۆلچىمى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ قانۇنىي جاۋابكارلىقنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش؛ مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق تاشلاندۇقلاردىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ كاپالەتلەندۈرۈش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، كۆپ مەنبەلىك ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم بەرپا قىلىش؛ پۈتكۈل جەمئىيەت ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان ۋە قوغدايدىغان ئەندىزىنى تېز شەكىللەندۈرۈش لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جى بىڭشۈەن بەرگەن دائىمىي كومىتېت مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گېرمپلازما بايلىقىنى قوغداش ۋە سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. دوكلاتتا گېرمپلازما بايلىقىنى قوغداش ۋە سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى تونۇشتۇرۇلۇپ، ساقلانغان ئاساسلىق مەسىلىلەر تەھلىل قىلىنىپ، ئالاقىدار تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بايلىقنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇرۇقچىلىق پەن-تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، سورت مەنبەسى بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سودا بويىچە سورت يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سورت يېتىشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىش، كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سورتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، سورتنى قانۇن بويىچە گۈللەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش ۋە يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا دۆلىتىمىزنىڭ ئۇرۇقچىلىق ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ