مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ ئادىللىقىدا ھېچقانداق «ئارقا ئىشىك» يوق

2021.08.26 11:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26 - ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، تاراتقۇلار بىر قېتىملىق ئۆرلەپ ئوقۇش ئالدامچىلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئالدامچىلىق شايكىسى مەكتەپ ھۆججىتىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، شەخسىي تامغا ئويدۇرغان، يالغاندىن «ئارقا ئىشىكتىن مېڭىپ ئۆرلەپ ئوقۇش»قا بولىدۇ، دېگەن، ھەتتا بەزى 985، 211 قاتارلىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نامىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، شۇ ئارقىلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن، يەككە ئالدامچىلىق سوممىسى ئەڭ كۆپ بولغاندا 800 مىڭ يۈەنگە يەتكەن.

  جۇڭگونىڭ مائارىپ تاللاش مېخانىزمى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەيلى بۇرۇن ياكى ھازىر بولسۇن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئەڭ كەسكىن، ئادىل ئىمتىھان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، دۆلەتمۇ تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى ئۈزۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى. مۇشۇنداق تونۇشتا بولغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا بەزى ئاتا ـ ئانىلار «ئالاھىدە يول» ئارقىلىق بالىلىرىغا ياخشى ئىستىقبال سېتىۋېلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ خىل «پەرزەنتىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئۈمىد قىلىش»، «بۇتپەرەسلىك» روھىي ھالىتى ئالدامچىلارغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن، شۇنداقلا ۋاسىتىلىك ھالدا «قوبۇل قىلىش توزىقى» غا ياشاش تۇپرىقى يېتىلدۈرگەن.

  ئاتا ـ ئانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالدامچىنىڭ ۋەدىسىگە ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىپ، ئالدانغان يۇقىرى سوممىلىق پۇلىنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيلا قالماي، يەنە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەسلىدىكى نورمال قوبۇل قىلىش تەرتىپىگە دەخلى يەتكۈزگەن. ئالدامچىلىق شايكىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپ، مائارىپ ئېكولوگىيەسىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتلەنلىك بەدىلى تۆلەيدۇ.

  مائارىپ ئادىللىقىدا «ئارقا ئىشىك» دېگەن سۆز يوق، بارلىق ھاسىلاتلار جەزمەن ئۇزاق جۇغلانمىنى باشتىن كەچۈرىدۇ، پۇل ئارقىلىق جاپا-مۇشەقەتنى ئالماشتۇرۇش خام خىيال، ئاخىر بىر مەيدان قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ. بۇ خىل «ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش توزىقى»مۇ بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، مەيلى ئائىلە باشلىقى ياكى ئىمتىھان بەرگۈچى بولسۇن، ھەممىسى توغرا قابىلىيەت قارىشى تۇرغۇزۇشى، يامان يولدا مېڭىش، ناتوغرا يولدا مېڭىش، ئاچا يولدا مېڭىشنى ئويلىغاندىن كۆرە، دۇرۇس يول بىلەن توغرا يولدا ماڭغان ياخشى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ