مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: خەلقئارادا شىنجاڭغا ئالاقىدار ئوبيېكتىپ ھالدىكى ئادىللىق ساداسى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە

2021.04.29 14:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:4- ئاينىڭ 28- كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر مۇنداق بىر سوئال سورىغان: سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك گېزىتى»دە «شىنجاڭ كېۋىزى توغرىسىدىكى ئاشۇنچە ئىشلار» تېمىسىدىكى بىر پارچە ئوبزور ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇ ماقالىدە، شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» مەۋجۇت، دېگەن گەپنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق، دەپ قارىغان. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  جاۋ لىجيەن بۇ سۇئالغا قارىتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدىم. بۇ ئوبزورنىڭ ئاپتورى ئىلگىرى شىنجاڭدا خىزمەت قىلغىلى ئون نەچچە يىل بولغان بىر مائارىپ مەسلىھەتچىلىكى خادىمى. جاۋ لىجيەن يەنە مۇنداق دېدى: ئاتالمىش شىنجاڭدا «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش» دېگەن گەپ ئاساسسىز ۋە بىمەنە بىر گەپ، ھەم شۇنداقلا، بۇ بىر بىلىمسىزلىك. ئاپتونوم رايونىمىزدا پاختا تېرىش مەزگىلىدە ئەمگەك كۈچى يېتىشمىگەچكە، ئىچكىرىدىكى باشقا ئۆلكە ۋە شەھەرلەردىن كەلگەن ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرى بەس-بەستە شىنجاڭغا كېلىپ، پاختىكارلارنىڭ پاختا تېرىش خىزمىتىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ۋە سۈپەتلىك تاماملىشىغا ياردەملەشتى، پاختىكارلار ئۇلارغا ياخشى ھەق بېرىدۇ. بۇنى ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ماشىنىلىشىشنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ماشىنا-ئۈسكۈنىلەر تەدرىجىي ھالدا ئادەم كۈچىنىڭ ئورنىنى ئالدى، ئاتالمىش "ئاز سانلىق مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ھالدا پاختا تەرگۈزۈش" دېگەن گەپ ھەم شىنجاڭنىڭ پاختىسىغا داغ تەگكۈزگەنلىك، ھەمدە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تۆھمەت چاپلىغانلىقتۇر.

  جاۋ لىجيەن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېقىنقى بىر مەزگىلدىن بېرى، خەلقئارادا شىنجاڭغا ئالاقىدار ئوبيېكتىپ ھالدىكى ئادىللىق ساداسى بارغانسېرى كۆپەيدى. مەسىلەن، يېقىندا دۇنيا گېزىتچىلىك سىندىكات تور بېكىتىدە «"شىنجاڭدىكى ئىرقىي يوقىتىش" دەپ ئەيىبلەشنىڭ قىلچە ئاساسى يوق.» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئامېرىكىدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭدىكى ئىرقىي يوقىتىش» دېگەن سۆزنىڭ ئىسپاتى يوق ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلدى.

  «شىنجاڭدىكى ئىرقىي يوقىتىش» دېگەن بۇ خىل قاراشتا ئۈچ جەھەتتە كەمچىللىك مەۋجۇت:بىرىنچىسى، ئىناۋەتلىكلىكى كەمچىل. بۇ خىل قاراشنى ئامېرىكىنىڭ يالغانچىلىق بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا ئادەتلەنگەن سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئۇنىڭ گېپىگە ئىشىنىشكە بولمايدۇ.

  ئىككىنچىسى، پاكىتى كەمچىل. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ھېچقانداق پاكىت ئىسپاتى چىقارمىدى. ئۈچىنچىسى، قانۇن نەزەرىيەسى كەمچىل. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى قانۇنىدا بېكىتىلگەن «ئىرقىي يوقىتىش»تا، ب د ت نىڭ «ئىرقىي يوقىتىش جىنايىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش ئەھدىنامىسى»دىن پايدىلانغان. ئۇ ئەھدىنامە، قىرغىنچىلىق قىلىش، پەرزەنت كۆرۈشنى مەنئى قىلىش قاتارلىق بەش خىل قىلمىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لېكىن، ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭدا يۇقىرىقى قىلمىشلارنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان قانۇن ئاساسى كەمچىل.

  جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: بۇنداق ئىجابىي ماقالە مىساللىرى يەنە ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، نورۋېگىيەنىڭ فىلوئېن شەھىرىنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى ۋېستبى يېقىندا،«"شىنجاڭدىكى ئىرقىي يوقىتىش" دېگەننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى جەزىملەشتۈرۈش يامان غەرەزلىك بىر ئىشتۇر.» دېگەن مەخسۇس دوكلاتىنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئامېرىكىدىكى ئاقىللار ئامبىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنىڭ ئوبيېكتىپلىقى، چىنلىقى ۋە تەلەپچانلىقى مەسىلىسىنى بىر-بىرلەپ تەنقىد قىلدى. يەنە مەسىلەن، فرانسىيە يازغۇچىسى ۋىۋاس «ئۇيغۇر ھەققىدىكى يالغان خەۋەرلەرنىڭ ئاخىرلىشىشى» دېگەن كىتابىدا، ئۆزىنىڭ ئىككى قېتىم شىنجاڭنى زىيارەت قىلغان كەچۈرمىشلىرى ئارقىلىق، شىنجاڭ ھەققىدىكى تۈرلۈك پىتنە-ئىغۋالارنىڭ پۈتۈنلەي تۇتۇرۇقسىز گەپلەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئامېرىكا مۇستەقىل ئاخبارات تور بېكىتى "كۈل رەڭ بەلباغ"دىمۇ ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، جۇڭگوغا قارشى ئۇنسۇر جېڭ گوئېننىڭ يالغانچىلىقى پاشقىلىنىپ، ئۇنىڭ سانلىق مەلۇماتلاردىن قالايمىقان پايدىلىنىپ، ماتېرىياللارنى بۇرمىلاپ، ساختا گۇۋاھلىق سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، "شىنجاڭدىكى ئىرقىي يوقىتىش" دېگەندەك ئەسىرلىك يالغان سۆزلىرىنى ئويدۇرۇپ چىقارغانلىق پاكىتى ئاشكارىلاندى. شياڭگاڭ، نەنخۇا ئەتىگەنلىك گېزىتى، ئاۋسترالىيە پۇقرالار پارتىيەسى ژۇرنىلى، ئاۋمېنلىقلار ئىبرەت تەربىيەسى، بىرازىلىيە مىناس ھەپتىلىك گېزىتى قاتارلىق نۇرغۇن تاراتقۇلار دوكلات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇردى، ھەمدە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدىكى قوش ئۆلچىمى ۋە شىنجاڭ ئارقىلىق جۇڭگونى تىزگىنلەشتەك جۇغراپىيەلىك سىياسىي سۇيىقەستىنى ئاشكارىلىدى.

  جاۋ لىجيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەنمۇ شۇنىڭغا دىققەت قىلدىمكى، پاكىستان، مىسىر، مالايسىيا قاتارلىق نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە، شىنجاڭغا ئالاقىدار ئوبيېكتىپ ھالدىكى ئادىل خەۋەرلەر بارغانسېرى كۆپەيدى. غەرب تاراتقۇلىرى شىنجاڭغا قارا چاپلاش، بوھتان چاپلاشتەك چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، شىنجاڭنىڭ ھەققانىيەت ساداسىنى ئوبيېكتىپ ھالدا ئادىل تونۇشتۇرغان بۇ خەۋەرلەر ئىنتايىن قىممەتلىك. مەن بۇ يەردە ئولتۇرغان چەت ئەللىك مۇخبىرلارنىڭمۇ بۇ خىل كىتاب، دوكلات ۋە ماقالىلەرنى ئوقۇپ، ئوبيېكتىپ ھالدا ئادىل بولۇش پىرىنسىپى بويىچە، شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغانچىلىق، پىتنە-ئىغۋا ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى ئاڭلىق توسۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەنمۇ سىلەرنىڭ بۇنداق بىر تەرەپلىمە كۆز-قاراشنىڭ كۆزۈڭلارنى بويۇماسلىقىنى، ئۆز قەلىمىڭلار ۋە ئاپپاراتىڭلار بىلەن دۇنياغا شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ