مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر يالغان-ياۋىداق سۆزلەردىن پايدىلىنىپ، جۇڭگوغا قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىشتا ئاللىقاچان قىلتاق شەكىللەندۈردى، لېكىن قىلتىقى ھامان ۋەيران بولىدۇ، دېدى

2021.04.28 19:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 27-ئاپرېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگوغا قارشى كۈچلەرنىڭ يالغان-ياۋىداق سۆزلەردىن پايدىلىنىپ جۇڭگوغا قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىشى ئاللىقاچان بىر قىلتاق بولۇپ شەكىللەندى، لېكىن يالغان گەپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ياپالمايدۇ. يالغان گەپ توقۇپ، جۇڭگوغا قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىش قىلتىقى ھامان ۋەيران بولىدۇ.

  شۇ كۈندىكى قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بەزى مۇخبىرلار مۇنداق سورىدى: يېقىندا، جۇڭگو تاراتقۇلىرى «شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغانچىلىقلار قانداق پەيدا بولغان؟» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلدى؟ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىسىز؟

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: مەن بۇ ماقالىنى كۆردۈم. بۇ ماقالە كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ غەربتىكى بەزى خادىملار ۋە ئاپپاراتلارنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، جۇڭگوغا قارا چاپلاپ، بېسىم ئىشلىتىشتەك ھەقىقىي ئەھۋالنى چۈشىنىشىگە ئىنتايىن پايدىلىق. كۆپچىلىك قىزىقساڭلار تەپسىلىي ئوقۇپ باقساڭلار بولىدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: بىر مەزگىلدىن بۇيان، جۇڭگوغا قارشى كۈچلەر يالغان-ياۋىداق سۆزلەردىن پايدىلىنىپ، جۇڭگوغا قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىر قىلتىقىنى شەكىللەندۈردى: ئالدى بىلەن ئاتالمىش «ئالىم»، «زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى» دېگەن نام بىلەن ئۇنى-بۇنى ئاشكارىلاپ، ئارقىدىنلا تاراتقۇلار ئەگىشىپ كۆپتۈرۈپ، ئاندىن ھۆكۈمەت تەرەپ ماسلىشىپ ئارىلاشتى. بۇلار «شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغانچىلىقلار قانداق پەيدا بولغان؟» ناملىق ماقالىدە تولۇق ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، جېڭ گوئېن قاتارلىقلار دېلو مىسالى توقۇش، ئۇ يەر-بۇ يەردىن ئۈزۈۋېلىپ نەقىل كەلتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئاتالمىش شىنجاڭغا ئالاقىدار دوكلات، ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدا «مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش»، «مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش»، «ئىرقىي يوقىتىش» قاتارلىقلار مەۋجۇت دەپ تۆھمەت قىلدى؛ BBC، ئاۋسترالىيە رادىيو شىركىتى قاتارلىق غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەدەپ تەشۋىق قىلدى؛ بەزى غەرب سىياسەتۋازلىرى ئارقىدىن بەس-بەستە نەقىل كەلتۈردى ھەم بۇنى ئاساس قىلىپ، شىنجاڭغا ئالاقىدار تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭغا قارىتا ئاتالمىش جازالاشنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: بۇ بىر يۈرۈش قىلتاق بويىچە، سانسىزلىغان «گۇۋاھلىق سۆزلىرى»، «دوكلات»لار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى، تۈركۈم-تۈركۈم «رېژىسسور»لار، «ئارتىس»لار پەردازلىنىپ سەھنىگە چىقتى، شەكىل يېڭىلاندى، لېكىن ماھىيىتى ئۆزگەرمىدى، بارلىق ئاماللار بىلەن شىنجاڭنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، جۇڭگونى چەكلەشنى مەقسەت قىلدى. لېكىن يالغان گەپ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرالمايدۇ. «مەن بىر مەزگىلدىن بۇيان، خەلقئارادا غەربنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار يالغان-ياۋىداق گەپلىرىنى پاش قىلىدىغان ئاۋازلارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يالغان گەپ توقۇپ، جۇڭگوغا قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىش قىلتىقى ھامان ۋەيران بولىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ