خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى خۇلاسىلەش ۋە قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش خىزمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش ئۈچ يىللىق مەخسۇس كۈرىشى مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە تەپتىش ئورگانلىرى قارا، رەزىل جىنايەتكە چېتىشلىق 149 مىڭ كىشىنى قولغا ئېلىشنى تەستىقلىغان، 230 مىڭ كىشىنى ئەيىبلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلات ئۇيۇشتۇرۇش، ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش، قاتنىشىش جىنايىتى بويىچە 54 مىڭ ئادەم ئەيىبلەنگەن.
ئىگىلىنىشىچە، مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشى مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تەپتىش ئورگانلىرى مۇشتۇمزورلۇق ۋە زور رەزىللىككە چېتىشلىق دېلولارنى تەھقىقلەشكە ئارىلىشىش، دەلىل-ئىسپات ئېلىشقا يېتەكلەش خىزمىتى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، مۇشتۇمزورلۇققا چېتىشلىق بارلىق دېلولارنىڭ ھەممىسىگە ئالدىن ئارىلىشىشنى، مۇشتۇمزورلۇققا چېتىشلىق جىنايەت دېلولىرىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزارتىش نىسبىتىنى سىجىل تۆۋەنلىتىشنى تەكىتلىگەن. 2020-يىلى ئەرز قىلىنغان مۇشتۇمزورلۇق ۋە رەزىللىككە چېتىشلىق دېلولار ئىچىدە جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلارغا كەڭچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى تەدبىقلاش نىسبىتى %70 تىن ئاشقان.
بۇنىڭدىن باشقا، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە 10 يېتەكچى ھۆججەت تۈزۈپ، ئۈچ تۈركۈمدە 15 تىپىك دېلو مىسالىنى ئېلان قىلىپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش ئۆلچىمىنى بىرلىككە كەلتۈردى؛ ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە قارا، رەزىل دېلولارغا چېتىشلىق مال-مۈلۈكنى بىر تەرەپ قىلىش پىكرىنى تۈزۈپ، ئىقتىسادىي مەنبە ۋە مەنپەئەت زەنجىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، قاتتىق تەكشۈردى؛ «كۈنلۈكنى ئېلىۋېتىش، تورنى بۇزۇش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق «قوغداش كۈنلۈكى» بولغان 545 كىشىنى بىۋاسىتە دېلو ئېچىپ تەھقىقلىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ