مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نەشىر ھوقۇقى ۋاقتىنچە توختىتىلىپ تەرتىپكە سېلىنىشى لازىم!

2021.04.28 12:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىغان جېڭجوۋ شەھىرى چۈنلىن كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپىنىڭ مۇدىرى گو فامىلىلىك قاتارلىقلارنىڭ «ئەينەن جۇغراپىيە»دە «پىششىق تۇخۇمنى خام تۇخۇمغا ئايلاندۇرۇش ھەمدە ئۇنىڭدىن چۈجە چىقىرىش» ھەققىدىكى بىر ئىلمىي ماقالىسى ئېلان قىلىنغانلىقى تۈپەيلى، ھەمدە بۇ مەكتەپنىڭ قۇرامىغا يەتكەنلەرگە يۈزلەنگەن پۇقراۋى كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ئاپپاراتى ئىكەنلىكى كۆزدە تۇتۇلۇپ، بۇ ۋەقەگە قارىتا، خېنەن ئۆلكىسى جېڭجۇ شەھىرىدە شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى، شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى، شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار ۋە تەۋەلىك بويىچە ئورتاق قاتناشقان بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، جېڭجوۋ شەھىرى چۈنلىن كەسپىي تەربىيەلەش مەكتىپى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈلدى. ئەگەر مەسىلە بايقالسا، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، 4- ئاينىڭ 27- كۈنى، جىلىن ئۆلكىلىك ئاخبارات-نەشرىيات ئىدارىسى ئالاقىدار نەشرىياتچىلىقنى باشقۇرۇش قانۇن-نىزاملىرىغا ئاساسەن، «پىششىق تۇخۇمنى خام تۇخۇمغا ئايلاندۇرۇش ھەمدە ئۇنىڭدىن چۈجە چىقىرىش» ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىنغان «ئەينەن جۇغراپىيە» ژۇرنىلىنىڭ نەشرىياتچىلىق ھوقۇقىنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تەرتىپكە سېلىپ بىر تەرەپ قىلىش، ھەمدە ئۇنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈشى ۋە ئۆزىنى تۈزىتىشىنى قانات يايدۇرۇش، ئۆزىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى بۇيرۇدى. بۇ ئىدارە مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، «ئەينەن جۇغراپىيە» ژۇرنىلىنىڭ نەشىر قىلىش ئورنىغا كىرىپ، ئاساسىي مەسئۇل خادىم ۋە ئالاقىدار مەسئۇل خادىملار بىلەن سۆھبەتلىشىش ۋە تەكشۈرۈشكە كېلىشتى، ھەمدە ژۇرنالنىڭ نۇسخىسى ۋە ئالاقىدار ماتېرىياللارنى ئالدۇرۇپ كۆرۈپ، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تۈكشۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ