مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

تەنتەربىيەنى «تاپشۇرۇق»تىن «ئادەت»كە ئايلاندۇرۇش لازىم

2021.04.27 20:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپ ئىچى-سىرتىدىكى بىر سائەتلىك تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلىدى ھەم تەنتەربىيە ئائىلە تاپشۇرۇقى تۈزۈمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئائىلىدە تەنتەربىيە چېنىقىش پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن كېڭەيتىشنى، مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە ئائىلە تاپشۇرۇقىغا بولغان يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىشىنى تەلەپ قىلدى.

  تەنتەربىيە ئائىلە تاپشۇرۇقىدىن كىشىلەر سىياسەت تۈزگۈچىلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنتەربىيە چېنىقىشىنى كۈچەيتىشىگە بولغان جاپالىق ئەجرىنى كۆرۈۋالالايدۇ، بۇمۇ رېئاللىقنىڭ ئامالسىزلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. «يۈگۈرۈش، سەكرەپ-تاقلاش» ئەسلىدە مەجبۇرىي ئورۇندايدىغان تاپشۇرۇق بولماستىن، بەلكى بالىنىڭ تەبىئىتىدۇر. ئېغىر تاپشۇرۇق، تۈگىمەيدىغان دەرستىن سىرتقى كۇرسلار سەۋەبلىك، بالىلار ئامالسىز دەرس ئۈستىلى ئالدىدا ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولماقتا.

  بالىلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، بالىلاردا تېنى ساغلام، ئىرادىسى مۇستەھكەم بولغان ئىنسانىي پەزىلەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش __ مائارىپنىڭ مۇھىم مەزمۇنى بولۇشى كېرەك.

  سەي يۈەنپېي ئەپەندى: «كىشىلىك قەدىر-قىممىتىم __ تەنتەربىيەدە» دېگەن ئىدى. بۇ قېتىم مائارىپ مىنىستىرلىقى تاپشۇرۇق ۋە بەدەن ساپاسىنى باشقۇرۇش توغرىسىدا ئىككى ھۆججەت چىقىرىپ، تەنتەربىيە پائالىيىتىنىڭ ۋاقتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، يازما تاپشۇرۇقنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلدى.

  بالىلارنى «كەلگۈسىدىكى چوڭ ئىمتىھاندا يېڭىپ چىقىش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى تەنتەربىيە ئائىلە تاپشۇرۇقىنى تاماملاشتىن باشلاش كېرەك. بالىلارنىڭ قەلبىگە «روھىنى مەدەنىيلەشتۈرۈپ، بەدىنىنى كۈچتۈڭگۈرلەشتۈرۈش» ئۇرۇقىنى چېچىپ، ئۇلارغا تەنھەرىكەت ماھارىتىنى ئىگىلىتىپ، تەنھەرىكەت خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇپ، تەنھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرگۈزگەندىلا، ئۇلار ئاندىن ساغلام، خۇشال-خۇرام بىر ئەۋلاد بولۇپ يېتىلىپ، ۋەتەن قۇرۇلۇشىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكىگە ئايلىنالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ