مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئائىلە باشلىقلىرىدىن تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشنى رەت قىلىشى ھەرگىزمۇ ئائىلىنىڭ مائارىپ مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كەچكەنلىكى ئەمەس

2021.04.27 20:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا بېسىپ تارقاتقان «مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تاپشۇرۇقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاتا-ئانىلارغا تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش ياكى شەكلى ئۆزگەرگەن تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاتا-ئانىلاردىن تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاتا-ئانىلار مەكتەپ بىلەن ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا ھەر خىل تاپشۇرۇق ۋە تەكشۈرۈشكە تاقابىل تۇرۇش بىلەن ئاۋارە بولۇپ، ئاغرىنىش سادالىرى كۆپ قېتىم ياڭرىدى. بۇ قېتىمقى ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئوقۇتقۇچىلار ئورۇنلاشتۇرغان تاپشۇرۇقلارنىڭ ھەممىسىنى تەكشۈرۈپ، ھەممىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازما تاپشۇرۇقنى ئىمكانقەدەر مەكتەپتە تاماملىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بالىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆگىنىش ۋە ۋاقىت باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

  شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئاتا-ئانىلاردىن تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشقا بولمايدۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلە تەربىيەسىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كېچىش كېرەك، دېگەنلىك ئەمەس. ئەكسىچە، ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ تاپشۇرۇقنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، دەرستىن سىرتقى تۇرمۇشىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، بالىلارنىڭ ياخشى ئۆگىنىش ئادىتى ۋە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

  ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆگىنىش يەنە ئىلمىي ئىزدىنىش، تەنتەربىيە چېنىقىشى، سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىش، جەمئىيەت ۋە ئەمگەك ئەمەلىيىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك، ئۆگىنىشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ساپا مائارىپىنى يولغا قويۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  ئاتا-ئانىلاردىن تاپشۇرۇق تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىش قاتتىق چەكلەنگەندىن كېيىن، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش كۆرسەتكۈچىدە نومۇرغىلا قاراش ۋە ئۆرلەپ ئوقۇشقىلا قاراشتىن ۋاز كېچىپ، تاپشۇرۇق لايىھەلەش، تۈزىتىش ۋە قايتما ئىنكاس ئەھۋالىنى ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ