مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مائارىپ مىنىستىرلىقى: مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تاپشۇرۇق بېرىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ

2021.04.26 12:14 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1-، 2- يىللىقلىرىدا يازما تاپشۇرۇق بېرىلمەيدۇ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تاپشۇرۇق مىقدارى 90 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئارقا-ئارقىدىن ئىككى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ تاپشۇرۇقنى باشقۇرۇش ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشنى، يازما تاپشۇرۇقنىڭ ئومۇمىي مىقدارىنى قاتتىق كونترول قىلىشنى، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- ، 2- يىللىقلىرىدا يازما ئائىلە تاپشۇرۇقى ئورۇنلاشتۇرماسلىقنى، باشقا يىللىقلاردا ھەر كۈنى يازما تاپشۇرۇقنى تاماملاش ۋاقتىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 60 مىنۇتتىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە 90 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى. تەكرارلاش ۋە جازالاش خاراكتېرلىك تاپشۇرۇق بېرىش ۋە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيىلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تاپشۇرۇق بېرىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ.

  دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇقتۇرۇشتا يەنە مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تاپشۇرۇق بېرىشى قاتتىق مەنئى قىلىنىدىغانلىقى تەكىتلەندى. جايلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تاپشۇرۇق بېرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىپ، مەكتەپ ئىچىدىكى يۈكنىڭ يېنىكلىشى، مەكتەپ سىرتىدىكى يۈكنىڭ ئېشىپ كېتىشىدىن ھەقىقىي ساقلىنىشى كېرەك.بۇنىڭدىن باشقا، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەن ساغلاملىقىنى باشقۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشتا، تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسىنى تولۇق ئېچىش تەلەپ قىلىندى: باشلانغۇچ مەكتەپتە 1- يىللىقتىن 2- يىللىققىچە ھەر ھەپتىدە تۆت سائەت، باشلانغۇچ مەكتەپتە 3- يىللىقتىن 6- يىللىققىچە ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەر ھەپتىدە ئۈچ سائەت، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ھەر ھەپتىدە ئىككى سائەت دەرس ئۆتۈلىدۇ، شارائىتى بار مەكتەپلەر ھەر كۈنى بىر سائەت تەنتەربىيە دەرسى تەسىس قىلىپ، ھەر قانداق سەۋەب بىلەن تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق دەرسى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ تەنتەربىيە پائالىيىتىنى ئىگىلىۋالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك: ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپ ئىچى ۋە مەكتەپ سىرتىدا بىر سائەتتىن تەنتەربىيە پائالىيەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ھەر كۈنى 30 مىنۇتلۇق چوڭ دەرس ئارىلىقىدىكى تەنتەربىيە پائالىيىتىنى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەر سائەتلىك دەرس ئارىلىقىدا ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپتىن چىقىپ مۇۋاپىق پائالىيەت قىلىشقا ۋە ئارام ئېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ