مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

1-پەسىلدە خەلق پۇلى قەرزى 7 تىرىليون 670 مىليارد يۈەن كۆپەيدى

تېخىمۇ كۆپ كىرېدىت بايلىقى ئەمەلىي ئىقتىسادقا ئېقىپ كىردى

2021.04.16 18:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 16-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى پىڭيۈەن ناھىيەسى دۇڭشى بازىرى لياڭتىڭ كەنتىگە كىرگىنىمىزدە، دېھقانلار ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدىكى قاتار-قاتار گىرەلىشىپ كەتكەن كۆك رەڭلىك يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى تاختىلىرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بەكمۇ تارتاتتى. 52 ياشلىق لىن جىنرۇڭ: «بۇلارنى ئورنىتىشقا بىر پۇڭمۇ خەجلىمىدۇق، ياشانغاندا كۈتۈنگەندە يەنە بىر ئۈلۈش كاپالەتكە ئىگە بولدۇق» دېدى. بۇ يىل 2-ئايدا، ئۇ مېيجوۋ شەھىرى كېجيا كەنتىدىكى بازارلىق بانكىدىن 200 مىڭ يۈەن قەرز ئېلىپ، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئۈسكۈنىسى ئورناتقان بولۇپ، توك چىقىرىشتىن كىرگەن كىرىم قەرز قايتۇرۇشقا تامامەن يېتەتتى، 10 يىلدا قايتۇرۇپ تۈگىگەندىن كېيىن، يىلدا 30 مىڭ يۈەنگە يېقىن كىرىمى كۆپىيەتتى.

  يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقىرىش دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يېڭى يولىغا ئايلانماقتا، لېكىن بىر قېتىمدا يۇقىرى سوممىلىق مەبلەغ سېلىش بۇنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى قىيىن مەسىلە بولۇپ قالدى. جۇڭگو خەلق بانكىسى گۇاڭجوۋ شۆبىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، مېيجوۋ شەھىرىنىڭ مەركىزىي شۆبە بانكىسى قاراشلىق رايوندىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى «يېشىل يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى قەرزى»نى يولغا قويۇشقا يېتەكلەپ، دېھقان ئائىلىلىرىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تۇرمۇش كەچۈرۈشىگە ياردەم بەردى.

  «14-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلىدا پۇل مۇئامىلە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا داۋاملىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. جۇڭگو خەلق بانكىسى 4-ئاينىڭ 12-كۈنى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ خەلق پۇلى قەرزى 7 تىرىليون 670 مىليارد يۈەن كۆپىيىپ، بۇلتۇرقى ئاساسىي سان يۇقىرى بولۇش ئاساسىدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 574 مىليارد 100 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك مەدەت بەرگەن.

  −− خەلق پۇلى قەرزىنىڭ 7 تىرىليون 670 مىليارد يۈەن كۆپىيىشىنىڭ ئارقىسىدا، كىرېدىت بايلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا ئېقىپ كىرىشى بار.

  جېجياڭ ئۆلكىسى ۋېنجوۋ شەھىرى دابوشەن تېغى ئېتىكىدە، يۇڭجيا ناھىيەسىدىكى بورۇن يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بولغان چېن كېشياڭ ئېتىز-ئېرىقتا ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى، «بۇ يىل ئەتىياز بالدۇر كەلدى، ۋاقتىدا ئۇرۇق سېلىش ۋە ئوغۇتلاش كېرەك، بۇنىڭدا مەبلەغ ئوبوروتى بىزگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم».

  كارخانىنىڭ مەبلەغ ئېھتىياجىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى ۋېنجوۋ شۆبىسى ئىشىك ئالدىغا بېرىپ مەخسۇس مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش لايىھەسى تۈزۈپ، 2 مىليون يۈەن ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق قەرزى تارقاتتى. «پۇل مۇئامىلە ئېقىن سۈيىنىڭ سۇغىرىشى بىلەن، يۇڭجيا ناھىيەسىدىكى خاس ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ ياخشى بولدى» دېدى چېن كېشياڭ.

  پۇل مۇئامىلە قان تومۇرى راۋانلاشقاندىلا، ئەمەلىي ئىقتىساد راۋاجلىنالايدۇ. 1-پەسىلدە، دۆلىتىمىزنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تارقاتقان خەلق پۇلى قەرزى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 658 مىليارد 900 مىليون يۈەن ئاشتى.

  خەلق بانكىسى پۇل سىياسىتى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى سۈن گوفېڭ مۇنداق دېدى: قەرزنىڭ تەكشى، مۇقىم، مۇۋاپىق ئېشىشى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەلىپىنى ئۈنۈملۈك قاندۇردى.

  −− خەلق پۇلى قەرزىنىڭ 7 تىرىليون 670 مىليارد يۈەن كۆپىيىشىنىڭ ئارقىسىدا، پۇل مۇئامىلىنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەدەت بېرىش سالمىقىنى زورايتىشى بار.

  30 مىڭ كىۋادرات مېتىر چوڭلۇقتىكى ئەشيا ئوبوروت توشۇش ئامبىرىدا، 1000دىن ئارتۇق كۆك رەڭلىك ماشىنا ئادەم موكىدەك قاتناپ، ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى. بۇ ماشىنا ئادەملەرنى شاڭخەي كۇەيساڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان. تەتقىق قىلىپ ياساش سېلىنمىسىنىڭ سىجىل زورىيىشىغا ئەگىشىپ، بۇ كارخانا ئون نەچچە خىل ئەشيا ئوبوروت توشۇش ماشىنا ئادىمى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى. شىركەت كاپىتال بازىرىنىڭ باش نازارەتچىسى جاڭ ۋېنجيې مۇنداق دېدى: پەن-تېخنىكا تىپىدىكى كارخانىلارنىڭ مۈلكى يېنىك، رەنىگە قويىدىغان نەرسىسى قىس بولغاچقا، ئەنئەنىۋى كىرېدىت تەلىپىگە يېتىشى قىيىن. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ شاڭخەي شۆبىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىزنى ئىزدەپ كېلىپ، رەنىسىز، ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەن 30 مىليون يۈەن «سېلىنما-قەرز ھەمتۈرتكىسى» قەرزى بەردى، قۇرۇلۇش بانكىسىنىڭ ئاستىدىكى ھاۋالە شىركىتىنىڭ 50 مىليون يۈەن پاي ھوقۇقى مەبلىغى بىلەن شىركەتكە كىرىشىگە ماسلىشىپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھاياتىي كۈچ قوشتى.

  2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، قەرز پۇل مەدىتىگە ئېرىشكەن پەن-تېخنىكا تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا 91 مىڭغا يېتىپ، قەرز پۇلى قالدۇقى 919 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يىل بېشىدىكىدىن %4.37 ئاشتى.

  −− خەلق پۇلى قەرزىنىڭ 7 تىرىليون 670 مىليارد يۈەن كۆپىيىشىنىڭ ئارقىسىدا، مەبلەغنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈلگەنلىكى بار.

  جېجياڭ ئەنجىسىنور نازۇك ئەسۋاب چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ياۋ گېنفا مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسىتى كىچىك كارخانىلارنىڭ <دەل ۋاقتىدا ياغقان يامغۇرى>دۇر. يېقىندا شىركەتنىڭ ئاساسىي خام ماتېرىيال باھاسى ئۆسۈپ، 5 مىليارد يۈەن قەرز پۇلىنىڭ ۋاقتى توشاي دېگەندە، مەركىزىي بانكىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا بىۋاسىتە يەتكۈزىدىغان پۇل سىياسىتى قورالىنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن، ئەنجى يېزا سودا بانكىسى بىرىنچى ۋاقىتتا كارخانىغا قەرز پۇلىنىڭ دىرى ۋە ئۆسۈمىنى كېچىكتۈرۈپ قايتۇرۇشنى بېجىرىپ بېرىپ ھەم كارخانىنىڭ نورمال ئىشلەپچىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلدى، ھەم 100دىن ئارتۇق ئىشچىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى مۇقىملاشتۇردى.

  2020-يىلى 6-ئايدا، خەلق بانكىسى ئىككى تۈرلۈك ئەمەلىي ئىقتىسادقا بىۋاسىتە يەتكۈزىدىغان پۇل سىياسىتى قورالىنى تەسىس قىلىپ، مەركىزىي بانكىنىڭ مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ بانكىلارنى كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ قەرز پۇلىنى «ئۇزارتىشقا بولىدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر ئۇزارتىش»قا رىغبەتلەندۈرۈپ، كىرېدىت قەرز پۇلى بېرىشنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. بۇ يىل 3-ئايدا، خەلق بانكىسى ئىككى تۈرلۈك بىۋاسىتە يەتكۈزۈش قورالىنى يولغا قويۇش مۇددىتىنى يەنىمۇ ئۇزارتىپ، بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  سۈن گوفېڭ مۇنداق بىلدۈردى: خەلق بانكىسى دەۋرىيلىك ھالقىغان سىياسەتلەرنى ياخشى لايىھەلەپ، پۇل كىرېدىتىنىڭ مۇۋاپىق ئۆسۈشىنى ساقلاپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنى ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىغا مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى مۇۋاپىق پۇل مۇئامىلە مۇھىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ