باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېنەندە كۆپ تارماقلار ھەمكارلىشىپ، مەكتەپتە زومىگەرلىك قىلىش ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئالدى

2017.01.09 14:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خېنەن ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، خېنەن ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى، خېنەن ئۆلكىلىك جەمئىيەتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى، خېنەن ئۆلكىلىك يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، خېنەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى قاتارلىق توققۇز تارماق يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خېنەن ئۆلكىسىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ زومىگەرلىك قىلىش ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس تېما پائالىيىتىنى باشلاپ، مەكتەپتە زومىگەرلىك قىلىش ۋە زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، مەكتەپنى بالىلار ھەقىقىي ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىدىغان جايغا ئايلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلدى.

  تەلەپ بويىچە، خېنەن ئۆلكىسىدە ئوتتۇرا - باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا زومىگەرلىك قىلىش ۋە زوراۋانلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەخسۇس تەشۋىقات-تەربىيەسى بىرلىكتە قانات يايدۇرۇلۇپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئېڭى ۋە ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، مەكتەپ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىش، زومىگەرلىك ۋە زورلۇق قىلمىشلىرىنى قىلماسلىق، قاتناشماسلىق ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت يەنە كۆپ تارماقلار ھەمكارلىشىپ، مەكتەپ ئەتراپىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا زومىگەرلىك قىلىش ۋە زوراۋانلىق مەسىلىسى گەۋدىلىك بولغان رايون ۋە ئورۇنلارغا قارىتا كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنىڭ رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتى، ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر