باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنخۇي ئۆلكىسىدە تۇنجى قۇرۇلغان «ئالاقە تورى + ئادەم ئىزدەش ۋە ياردەم بېرىش» ئەندىزىسى يېرىم يىلدا 97 كىشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆيىگە قايتىشىغا ياردەم قىلدى

2017.01.09 14:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنخۇي ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى خادىملىرىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، بىر قىسىم نەچچە ئون يىل بۇرۇن ئالداپ سېتىۋېتىلگەنلەر، بەزى ياشانغانلار دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ۋە بەزى مېيىپلەر ئۆيىگە قايتىش يولىغا ئاتلاندى. يېقىندا ئەنخۇي ئۆلكىلىك خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىنقى يېرىم يىلدىن بۇيان، ئەنخۇي ئۆلكىسى ئالاقە تورى يېڭى تاراتقۇلاردىن پايدىلىنىپ، يوقاپ كەتكەن 97 كىشىنىڭ ئۆيىگە قايتىشىغا دەل جايىدا ياردەم بەرگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قۇتقۇزۇش- باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى بۇ يېڭى ئەندىزە ئارقىلىق 535 ئادەم قېتىم ئىزدەش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، 97 كىشى قۇتقۇزۇش-باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى خادىملىرىنىڭ ياردىمىدە ئۆيىگە قايتقان. يوقاپ كەتكەن بۇ 97 كىشى ئىچىدە، يوقاپ كەتكىنىگە ئەڭ ئۇزۇن بولغىنى 29 يىل بۇرۇن كىچىكىدە ئالداپ سېتىۋېتىلگەن بىر قىز، ئۇ نۇرغۇن جايلاردا يۈرگەن، يۇرتىنىڭ ھالىتىنى غۇۋا ئەسكە ئالالايدۇ؛ يەنە ئالزېيمېر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان توققۇز كىشى بار.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر