باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى خەلق ئاۋىياتسىيەسى خىزمىتىنى قوللىشى كېرەك

2015.01.13 16:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىزنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋە ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەھدىد سالغان قىلمىشلارنى قول تۇتۇشۇپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى جاڭ جىلىن تۈنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق ئاۋىياتىسيەسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ يولۇچىلارنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى قوللايمىز. 10-يانۋار كۈنمىڭدىن بېيجىڭغا ئۇچىدىغان mu2036بەلگىلىك ئايروپىلاندىكى يولۇچى ئۇچۇش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلگەنلىك سەۋەبلىك ئۆزى بىلگەنچە ئايروپىلاننىڭ جىددى چىقىش ئېغىزىنى ئاچقان، بۇ ئىشقا مۇناسىۋەتلىك بېيجىڭ ساياھەت ئۆمىكىنىڭ يول باشلىغۇچىسى لى ۋە يەنە بىر نەپەر ساياھەتچى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلدى.

  بۇ ۋەقەگە قارىتا جاڭ جىلىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى بۇ ۋەقەگە دېققەت قىلىدۇ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ بۇ ۋەقەدىكى ساياھەت يېتەكچىسى ۋە باشقا يەنە بىر ساياھەتچىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى قوللايدۇ.

  دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەرقانداق ساياھەتچى ئاۋىياتسىيەنىڭ نورمال تەتىپىگە دەخلى قىلسا، ، ئاۋىياتسىيە بىخەتەرلىكىنى بۇزسا، باشقا ساياھەتچىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇقى مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزسە بولمايدۇ، دۆلەتلىك ساياھەت ئىدارىسى « ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەتسىز ھەرىكىتىنى تىزىملاشنى ۋاقىتلىق باشقۇرۇش چارىسى»غا ئاساسەن ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ساياھەتچىلەرنىڭ مەدەنىيەتسىز قىلمىشىنى « مەملىكەت بويىچە ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتتىكى مەدەنىيەتسىز قىلمىشى خاتىرىسى»گە كىرگۈزىدۇ ھەمدە ساياھەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك كارخانىلارغا ئۇقتۇرىدۇ.

  جاڭ جىلىن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ساياھەت كوپراتىپلىرى ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ ساياھەتكە چىقىشتىكى ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى مەدەنىيەتلىك ساياھەت تەشۋىقاتى ۋە يېتەكچىلىك خىزمىتىنى ھەقىقى ياخشى قىلىشى، ساياھەت يېتەكچىلىرىدىن ساياھەت جەريانىدا مەدەنىيەتسىز قىلمىشلارغا ۋاقىتىدا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىش، نەسىھەت قىلىش، مەدەنىيەتلىك ساياھەت تەشۋىقاتى ۋە يېتەكچىلىك خىزمىتىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك.

  ئاۋىياتسىيە مۇلازىمەت كارخانىلىرىنىڭ تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ ۋاقىتىدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالاقىدار چۈشەندۈرۈشلەرنى ھەمدە ئايروپىلان كېچىككەندىن كېيىنكى مۇلازىمەت خىزمىتىنى ياخشى قىلىش تەكلىپىنى بېرىمىز.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر