باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مونوپوللۇق ھەق ئۆلچىمىنى تۆۋەنلىتىش كېرەك

2015.01.07 17:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كۆچمە ئاھالىلەرنىڭ خىزمەت مۇناسىۋىتى ۋە ئارخىپىنى ساقلاش ھەققى يېڭى يىلدىن باشلاپ ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مۇشۇ بىر تۈردىلا، ئېلىنىدىغان ھەق ھەر يىلى 1 مىليارد يۈەن ئەتىراپىدا ئازىيىدىكەن. بۇ ئەلگە نەپ يېتىدىغان ياخشى ئىش. ئارخىپ ساقلاش ئەسلىدىلا جامائەت پاراۋانلىق مۇلازىمىتى بولۇپ، بەزى جايلاردا بۇ بىر قانچە نېپىز قەغەز ئۈچۈن ھەر يىلى 180 يۈەن، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئارۇق كۆپ سوممۇلۇق ھەق ئېلىنىدىكەن.

  بۇ مەمۇرىي ھەق تۈرىنىڭ تەننەرخى يۇقىرى ئەمەس، لېكىن مەجبۇرلاش، مونوپول قىلىش خاراكتېرى ناھايىتى روشەن. بەزى جايلاردا بۇ مەمۇرىي ھەق تۈرى مۇھىم مالىيە كىرىم مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالدى، بەزىلىرىدە ھەتتا %25 تىن ئاشىدىكەن. مالىيە تارماقلىرى بۇنىڭ بىلەن شەكلى ئۆزگەرگەن ھەق ئېلىشقا ئىلھام بېرىپ، تېخى مۇئەييەن نىسبەتتە تاپان ھەققىمۇ بەرگەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر