باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خېبېي ئۆلكىسىدە بۇلتۇر ئون ناھىيە نامراتلىقتىن قۇتۇلدى، بۇ ناھىيەلەرنى يۆلەش سىياسىتى يەنىلا ساقلاپ قېلىندى

2015.01.07 14:55         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خېبېي ئۆلكىسى 2014 – يىلىدا ئون ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغانلىقىنى جاكارلىدى ھەم بۇ ناھىيەلەرنىڭ ھەر بىرىنى بىر قېتىمدىلا 8 مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ ئون ناھىيەدە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان دۆلەت ۋە ئۆلكىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتىنى ساقلاپ قالدى.

  يېقىندا، خېبېي ئۆلكىلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۆلكە بويىچە 40 نۇقتىلىق ناھىيە ۋە تەۋەلىك رايوندىكى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق يۆلەش نۇقتىلىرىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئەھۋالىنى باھالىدى. نەتىجىدە چۇڭلى ناھىيەسى، فېيشياڭ ناھىيەسى، دۇڭگۇاڭ ناھىيەسى، جىزې ناھىيەسى، شىڭلوڭ ناھىيەسى، ۋۇچياۋ ناھىيەسى، گۇاڭپىڭ ناھىيەسى، مېڭسۈن خۇڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى، نېيچۇ ناھىيەسى، لۈەنپىڭ ناھىيەسىدىن ئىبارەت ئون ناھىيەنى نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيە دەپ بېكىتتى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر