باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ ئورگانلىرى خاربىن «2-يانۋار» ئوت ئاپىتىنىڭ جاۋابكارىنى كونترول قىلدى

2015.01.05 18:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-يانۋار بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ خاربىن شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىدىن ئۇقۇشىچە، خاربىن شەھەر يولىنىڭ سىرتقى رايونىدا يۈز بەرگەن «2-يانۋار» ئوت ئاپىتىنىڭ ئالاقىدار جاۋابكارى ج خ ئورگانلىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنغان، خاربىن شەھىرىدىكى تارماقلار بىرلەشمە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، تەكشۈرۈپ خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرغان.

  خاربىن يولى سىرتقى رايونى تەيگۇ كوچىسى 727 نومۇردىكى كۈندىلىك مىلىچماللار ئامبىرىدا 2-يانۋار سائەت 13:14لەردە ئوت ئاپىتى يۈز بەردى. ئوت ئۆچۈرۈش جەريانىدا ئوت ئۆچۈرۈش جەڭچىسىدىن بەشى قۇربان بولدى، 13 ئوت ئۆچۈرۈش كادىر جەڭچىسى ۋە بىر ئامانلىق ساقلاش خادىمى ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلاندى.

  ئىگىلىنىشچە، بۇ قېتىملىق ئوت ئاپىتىدە 752 ئائىلىلىك 2731 كىشى، 272 دۇكان سودىگىرى تارقاقلاشتۇرۇلۇپ، بىرمۇ ئامما تالاپەتكە ئۇچرىمىغان.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر