خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-ئىيۇل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22-ئىيۇل، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا «جۇڭگو گۈللەنمە تاراتقۇلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدىكى دوكلات(2013-2014)» نى ئېلان قىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
ئەنئەنىۋى تاراتقۇلار بىلەن گۈللەنمە تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە، جۇڭگو يېڭى تاراتقۇ چوڭ دۆلىتىدىن يېڭى تاراتقۇ كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ قەدەم تاشلىدى. بۇ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان جۇڭگو گۈللەنمە تاراتقۇ كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان مۇھىم ئورتاق تونۇش. تاراتقۇلارنىڭ يۇغۇرۇلىشى زامانىۋى تاراتقۇ كەسپىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى، ئىقتىساد بولسا ئۇنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. بۇ قېتىملىق يىغىننىڭ باش تېمىسى «يېڭى تاراتقۇ، يېڭى يۇغۇرما، يېڭى ئىقتىساد» بولۇپ، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى تاراتقۇ مەركىزى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان. يىغىندا دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى يۇغۇرما تەرەققىيات دوكلاتى «جۇڭگو گۈللەنمە تاراتقۇلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى توغرىسىدىكى دوكلات(2013-2014)» ئېلان قىلىندى. بۇ «دوكلات»نى شىنخۇا كۈندىلىك خەۋەرلىرى، پايدىلىنىش خەۋىرى، ئىقتىسادىي پايدىلىنىش گېزىتى، شىنخۇا تورى، جۇڭگو شىنخۇا ئاخبارات-تېلېۋىزىيە تورى چەكلىك شىركىتى (CNC)، جۇڭگو ئاكسىيە گېزىتى، شاڭخەي ئاكسىيە گېزىتى، زامان تېز گېزىتى، يېڭى تاراتقۇ مەركىزى قاتارلىق «شىنخۇا سىستېمىسىدىكى تارقىتىش ۋاستىلىرى» بىرلىشىپ ئېلان قىلدى، بەيدۇ، سىنا، تېڭشۈن، ۋاڭيى، سوۋخۇ قاتارلىق نۇقتىلىق تور بېكەتلەر ھەمكارلاشتى. «دوكلات»تا مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەت ۋە رايونلار دۇنيادىكى گۈللەنمە تاراتقۇلارنىڭ زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بازىرى، يېڭىدىن گۈللەنگەن دۆلەت ۋە رايونلار ئىچىدە، جۇڭگونىڭ گۈللەنمە تاراتقۇلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئەڭ زور.
2013-يىلى جۇڭگو گۈللەنمە تاراتقۇلىرىنىڭ ئورنى يەنىمۇ گەۋدىلىنىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندى.
جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى