باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

879 ئورۇن 1-تۈركۈمدە تېجەشچان ئاممىۋى ئاپپارات سىناق ئورنى بولۇپ باھالاندى

2014.03.24 17:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 24-مارت دۆلەتلىك ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئاممىۋى ئاپپاراتلار بولۇپمۇ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى تۆۋەنلىتىش جەھەتتىكى ئۈلگىلىك باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، دۆلەتلىك ئورگان ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بىرلىشىپ 1-تۈركۈمدە 879 تېجەشچان ئاممىۋى ئاپپارات سىناق ئورنى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 12-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئېلىمىز 2000 تېجەشچان ئاممىۋى ئاپپارات سىناق ئورنىنى بەرپا قىلىدىكەن. تۇنجى تۈركۈمدە بېكىتىلگەن سىناق ئورۇنلىرى ئىچىدە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورگىنىدىن 460 ى، مەكتەپتىن 244 ى، دوختۇرخانىدىن 141 ى، باشقا ئاممىۋى ئاپپاراتتىن 34 ى بار. بۇ سىناق قىلىنىدىغان ئورۇنلار ئىچىدە ناھىيە دەرىجىلىك ئاساسىي قاتلام ئورگىنىمۇ، مەركەزنىڭ مىنىستىرلىك، كومىتېتلىرىمۇ، ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرمۇ بار، يەنە نۇرغۇن مەخسۇس كۇرس مەكتەپلىرى، ئۇنىۋېرسال دوختۇرخانىلارمۇ بار بولۇپ، قاتلام دەرىجىسى كۆپ، سانى زور، قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئاممىۋى ئاپپاراتلىرىدا ئېنېرگىيە تېجەش بۇلغىما چىقىرىشنى ئازايتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 12-بەش يىللىق پىلاننىڭ ئالدىنقى ئۈچ يىلىدا، مەملىكەت بويىچە ئاممىۋى ئاپپاراتلاردا ئوتتۇرىچە ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە ئىدارە ئورۇنلارنىڭ قۇرلۇش كۆلىمى بويىچە ئېنېرگىيە سەرپىياتى ئايرىم ئايرىم تۆۋەنلىگەن. مەركەزنىڭ دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە توك ئىشلىتىش مىقدارى، ئىدارە ئورۇنلارنىڭ قۇرلۇش كۆلىمى بويىچە توك ئىشلىتىش مىقدارى، ئوتتۇرىچە سۇ ئىشلىتىش مىقدارى، ھۆكۈمەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ماي سەرپىياتى ئايرىم ئايرىم تۆۋەنلەپ، ئېنېرگىيە تېجەش مىقدارىنى ئاشۇرۇش نىشانى ئورۇندالغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر