چۈشتىن بۇرۇن سائەت توققۇزدا يېپىلىش يىغىنى رەسمىي باشلاندى. ئون مىڭ كىشى سىغىدىغان يىغىن زالىدا چىراغلار يۇلتۇزدەك چاقناپ تۇراتتى. 2900 دىن كۆپرەك ۋەكىل ئاۋاز بېرىش ئۈسكۈنىسىنى ئارقا ئارقىدىن بېسىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلىنىڭ مۇقەددەس ھوقۇقىنى يۈرگۈزدى. چاۋاك سادالىرى ياڭراپ تۇردى. بۇ خەلقنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ياخشى باشلىنىشى،دەسلەپكى قەدىمى ياخشى بولىشىنى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋاتقانلىقى بولۇپمۇ 2014-يىللىق ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولغان ئىشەنچىسىنىڭ قەتئىي ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.
يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغان يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ خەلققە تايىنىپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتقا بولغان ئىشەنچىمىزنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھات يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى چىڭ تۇتايلى. ئىسلاھات پىلانىنى قەدەممۇ قەدەم رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى. ئىسلاھات ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنىڭ تارىخى يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ قالدۇرايلى دېگەن سۆزلىرى يىغىن زالىدا ياڭرىدى.
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى