خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-مارت، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئەۋەتكەن، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىكى كونسۇلخانا مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى گو شاۋچۇن ئۆمەك باشلىقى بولغان بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى مالايسىيانىڭ كۇئالا لۇمپۇر خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ باردى. خىزمەت گۇرۇپپىسى جۇڭگونىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ۋە مالايسىيا تەرەپنىڭ مالايسىيا ئاۋىئاتسىيەسى ئايروپىلانى بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىشىغا ماسلىشىدۇ ھەم مالايسىيا تەرەپنىڭ ئىزدەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ۋەقەنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى تېزراق ئېنىقلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى