خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ياپونىيە نۆۋەتتە 200 كىلوگىرامدىن كۆپرەك قورال دەرىجىلىك ئۇران ۋە 300 نەچچە كىلوگرام قورال دەرىجىلىك پىلوتونىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1.2 توننا يۇقىرى قۇيۇقلۇقتىكى ئۇران ۋە تەخمىنەن 44 توننا پلوتونىي توپلىۋالغان. ھېسابلىنىشىچە، بۇنداق زور مىقتاردىكى يادرو ماتېرىياللىرى مىڭدىن ئارتۇق يادرو بومبا ياساشقا يېتىدىكەن ھەم ئادەتتىكى پۇقرالارغا ئىشلىتىش نىشانىنىڭ ئېھتىياجىدىن خېلىلا ئېشىپ كېتىدىكەن. بۇ ھەپتە ئاۋسترىيە پايتەختى ۋيېنا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى كېڭەش يىغىنىدا ياپونىيەنىڭ يادرو ماتېرىياللىرى نۇقتىلىق مەسىلە بولۇپ قالغان.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى