خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 3تە 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنى خەلق يىغىن سارىيىدا 3-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ بەرگەن ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ۋە ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ساۋ جيەنمىڭ بەرگەن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى.
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ مۇنداق دېدى: 2013-يىلى دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىغا زىيان يەتكۈزگەن جىنايەتچىلەر قانۇن بويىچە جازالاندى. ھەر دەرىجىلىك سوت مەھكىمىلىرى جىنايى ئىشلار بويىچە 954 مىڭ دىلونى بىرىنچى سوتتا سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇردى، 1 مىليون 158 مىڭ جىنايەتچىگە ھۆكۈم چىقاردى. دۆلەتنى پارچىلاشقا، زوراۋانلىق-تېررورلۇق ھۇجۇمى قىلىشقا كۈشكۈرتۈش قاتارلىق دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە جامائەت بىخەتەرلىككە زىيان يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش جىنايەتلىرىنى قاتتىق جازالىدى، قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق، تۇتقۇن قىلىش، پارتلىتىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، ئاياللار-بالىلارنى ئالداپ سېتىش، قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان تەشكىلاتقا ئۇيۇشۇش جىنايىتى قاتارلىق 250 مىڭ دىلونى سوت قىلىپ ئاخىرلاشتۇردى، 325 مىڭ جىنايەتچىگە ھۆكۈم چىقىرىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: مۇسا ھەيدەر
مەنبە: خەلق تورى