مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭنىڭ «شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى»نىڭ كىتابچىسىنىڭ مۇرەككەپ خەتلىك نۇسخىسى ۋە ئىنگلىزچە نۇسخىسى شياڭگاڭدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2022.07.11 22:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى»نىڭ كىتابچىسىنىڭ مۇرەككەپ خەتلىك نۇسخىسى ۋە ئىنگلىزچە نۇسخىسى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى شياڭگاڭدا، زىجىڭ مەدەنىيەت گۇرۇھى قارىمىقىدىكى بىرلەشمە نەشرىيات گۇرۇھى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

  شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىگە 25 يىل بولغان پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ شياڭگاڭغا بېرىپ، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەنلىكىنىڭ 25 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى ۋە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 6-نۆۋەتلىك ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىدە «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش قانۇنىيىتى چوڭقۇر شەرھلەنگەن بولۇپ، شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ كىتابچىسىنىڭ مۇرەككەپ خەتلىك نۇسخىسى ۋە ئىنگلىزچە نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونى ۋە چەت ئەللىك ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆزنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»نىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈلۈشى ۋە پارلاق ئىستىقبالىنى تېخىمۇ ئەتراپلىق، چوڭقۇر تونۇشىغا پايدىلىق.

  رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ كىتابچىسىنىڭ مۇرەككەپ خەتلىك نۇسخىسى ۋە ئىنگلىزچە نۇسخىسى نەشر قىلىنغان كۈندىن باشلاپ شياڭگاڭ، ئاۋمېندىكى ھەرقايسى چوڭ كىتابخانىلارغا سېلىندى ھەمدە نۇقتىلىق تونۇشتۇرۇلدى. بىرلەشمە نەشرىيات گۇرۇھى چوڭ تىپتىكى مەھەللە، ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملار ۋە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە يۈزلىنىپ، «ھەرىكەتچان كۇتۇپخانا» قاتارلىق پاراۋانلىق كىتاب ئوقۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ