مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يولداش شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2022.06.23 14:16 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلىگەن يولداش شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدا» ناملىق كىتابى يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.


  بۇ مەخسۇس تېمىلىق ئەسەرلەر توپلىمىغا يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم قول يازمىسىدىن 60 پارچە كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم قول يازمىلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.


  ياشلار ۋەتەننىڭ كەلگۈسى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ كەلگۈسى ۋە ئۈمىدى. كەڭ ياشلارغا ۋەكىللىك قىلىش، كەڭ ياشلارنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشىش، كەڭ ياشلارغا تايىنىش پارتىيەمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ يۈرۈش قىلىشىدىكى مۇھىم كاپالەت. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق مەركەز پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى جۇڭگو تارىخىدىكى تۇنجى ياشلار تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى ئېلان قىلىپ، پارتىيە تارىخىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نامىدا ئېلان قىلىنغان تۇنجى پىيونېرلار ئەترىتى خىزمەت ھۆججىتىنى بېسىپ تارقىتىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ياشلار خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىنىڭ ئورنى - رولى، نىشان - ۋەزىپىسى، مەسئۇلىيىتى - بۇرچى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى، يېڭى دەۋردە قانداق ياشلارنى تەربىيەلەش، ياشلارنى قانداق تەربىيەلەش، قانداق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇش، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى قانداق قۇرۇش قاتارلىق يۆنىلىش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مۇھىم، زور تېمىلارغا چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، پارتىيەمىزنىڭ ياشلار خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، كەڭ ياشلارنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، تەشكىللەش، سەپەرۋەر قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ