مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ خېبېيدا خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى مۇقىم زىممىگە ئېلىپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن پۇختا تىرەك بولۇش كېرەك

2022.06.22 22:44 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ خېبېي ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى نى يۆفېڭ، ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ جېڭپۇنىڭ ھەمراھلىقىدا گاۋبېيديەن، جوجوۋدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئىسلاھات چارىسى ئارقىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ يازلىق يىغىم، يازلىق تېرىلغۇنى ياخشى قىلىپ، ئېنېرگىيە تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، يازنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋېلىشقا كاپالەتلىك قىلىپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  لى كېچياڭ فاڭگۇەن بازىرىدىكى بۇغدايلىقتا ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىيدىغان دېھقانلار، باشقا ئۆلكىدىن كەلگەن كومبايىنچىلار، ئاشلىق سودىگەرلىرى بىلەن پاراڭلاشتى. كۆپچىلىك بۇ يىل بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىنغانلىقىنى، دانلىرىنىڭ توق ئىكەنلىكىنى ئىنكاس قىلدى، لى كېچياڭ ناھايىتى خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر مول ھوسۇل ئېتىزدا، چىڭ تۇتۇپ ھوسۇلنى يىغىشىمىز، يەنە مول ھوسۇلنى يىغىپ ئامبارغا كىرگۈزۈشىمىز كېرەك. بۇغداي جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلۇق ئاشلىقىنىڭ بىرى، ھازىر بۇ يەر ئاساسىي جەھەتتىن خۇاڭخې، خۇەيخې، خەيخې ۋادىسىدىكى ئاساسلىق بۇغداي ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسى، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە بۇغداي مەھسۇلاتى بۇلتۇرقىدىن ئېشىپ، مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملىشىپ قالدى. بۇ، كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلىپ، پۈتۈن يىللىق ئاشلىقتىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىشقا ئاساس سالدى، جۇڭگونىڭ ئاشلىق بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك بولۇپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم. ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق دائىرىدە ئايلىنىشىنى ساقلاشنىڭ ئىككى مۇھىم كۆرسەتكۈچى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئاشلىق ۋە ئېنېرگىيە مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي تىرىكى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ئىزچىل تۈردە مۇقىم، ساغلام پۇل سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پۇلنى ئارتۇق تارقاتمىدۇق، ھازىر پۇل سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق كۆرسەتكۈچى نورمال دائىرىدە، ئەڭ مۇھىمى پۇل پاخاللىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پۇل سىياسىتىنى جانلىق يولغا قويۇشقا بوشلۇق قالدۇردۇق. بۇ يىل بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىش جۇڭگونىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى، جۇڭگونىڭ ئاشلىق بازىرى مۇقىم بولدى، مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا دۇنيا ئاشلىق بازىرىنىڭ مۇقىملىقىغا تۆھپە قوشتى. لى كېچياڭ دېھقانلارنىڭ ماشىنىدا كۆممىقوناق تېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، نەملىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ياز بىر كۈن كېچىكسە، كۈز ئون كۈن كېچىكىدۇ، يازلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېرىشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق تېرىپ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  لى كېچياڭ داپۇ كەنتىگە كېلىپ، ئاپتاپقا سېلىنغان بۇغدايلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ، ئاشلىق زىرائەتلىرى تېرىش تەننەرخى ۋە كىرىم ھېساباتىنى بىرلىكتە ھېسابلىدى. كۆپچىلىك بۇ يىل يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى باھاسىنىڭ ئۆسكەنلىكىنى، لېكىن دۆلەتنىڭ كۆپ قېتىم تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى كۆپەيتكەنلىكىنى، بازاردىكى ئاشلىق باھاسىمۇ ئۆسكەنلىكىنى، ھېسابلاپ كۆرگەندە كىرىمنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن كۆپ بولغانلىقىنى ئىنكاس قىلدى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: خەلق ئۈچۈن ئاشلىق ھەممىدىن مۇھىم، ئاشلىق مۇقىم بولسا جاھان تىنچ بولىدۇ. سىلەر ئاشلىق تېرىپ كىرىمنى ئاشۇردۇڭلار، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ ئۈچ ۋاق تامىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدىڭلار. كۆپچىلىك بىرلىكتە تىرىشىپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگولۇقنىڭ تاماق قاچىسىنى چىڭ تۇتقۇزدى.

  لى كېچياڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش دوكلاتىنى ئاڭلىدى. جوجوۋ جىڭيۈەن تېرمو ئېلېكتىر شىركىتىدە، ئۇ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ توك تارقىتىش سائەت سانى، كۆمۈر سەرپىياتى سەۋىيەسى، قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلەپ، كۆمۈر دۆۋىلەش مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كارخانىلارنى تولۇق كۈچ چىقىرىپ، كۆپ توك چىقىرىشقا ئىلھاملاندۇردى. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: تەرەققىيات ئېلىمىزدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسى ۋە ئاچقۇچى. ھازىر دەل يازنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قويۇپ بېرىپ، ئېچىشقا بولىدىغانلىرىنى تولۇق ئېچىپ، ئۇزۇن مۇددەتلىك كېلىشىملىك كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توك بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توك ئىشلىتىشكە چەك قويۇشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ۋە ئاساسىي خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كېڭەيتىپ قۇرۇش، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك، پاكىز كۆمۈر ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تەرتىپلىك ئاشۇرۇپ، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرىنى تېز قۇرۇپ ھەم ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش، ھەم شامال، يورۇقلۇق ئېلېكتىرى قاتارلىق يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز دۇنيا سودىسىنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىنىڭ مۇقىملىقى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە پايدىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ كۆمۈرنى ئاساس قىلغان ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىش ئۆزىمىزنىڭ ئېنېرگىيە كاپالىتى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيا ئېنېرگىيە باھاسى ۋە خەلقئارا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغىمۇ پايدىلىق.

  لى كېچياڭ خېبېينىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئەمەلىي ئىشلەپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ بەخت-سائادىتىنى سىجىل ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

  شياۋ جيې، خې لىفېڭ تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ