مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يولداش جاڭ سىچىڭنىڭ جەسىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى

​شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار باباۋشەن ئىنقىلابىي قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى

​يولداش جاڭ سىچىڭنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش جاڭ سىچىڭنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن چوڭقۇر ۋە سەمىمىي ھال سورىدى

2022.06.23 14:19 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، دۆلىتىمىزنىڭ سىياسىي - قانۇن سېپىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 9 -، 10 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ سابىق باش تەپتىشى يولداش جاڭ سىچىڭنىڭ جەسىتى 6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.


  يولداش جاڭ سىچىڭ كېسەل سەۋەبىدىن 2022 - يىلى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى سائەت 1دىن 52 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 90 يېشىدا ۋاپات بولدى.


  يولداش جاڭ سىچىڭنىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش جاڭ سىچىڭنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن چوڭقۇر ۋە سەمىمىي ھال سورىدى.


  6 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باباۋشەن ئىنقىلابىي قەبرىستانلىقىنىڭ زالى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ئاساسىي زالنىڭ ئۇدۇل تېمىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «يولداش جاڭ سىچىڭغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات، پىلاكاتنىڭ ئاستى تەرىپىگە يولداش جاڭ سىچىڭنىڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى. يولداش جاڭ سىچىڭنىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغانىدى.


  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 40 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا قەدەم بىلەن يولداش جاڭ سىچىڭنىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرۈپ، يولداش جاڭ سىچىڭنىڭ جەسىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى ھەم يولداش جاڭ سىچىڭنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن چوڭقۇر ۋە سەمىمىي ھال سورىدى.


  پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلىرى بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يولداش جاڭ سىچىڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى بېيجىڭدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ