شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار شەرق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۇچۇش ھادىسىسىدە بەختسىزلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى
2022.03.30 09:49 مەنبە: خەلق تورى
3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، يېقىنقى مەزگىلدىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى مۇھاكىمە قىلدى. يىغىن باشلانغاندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپى بويىچە، يىغىنغا قاتناشقان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىق ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، «21 - مارت» شەرق ئاۋىياتسىيەسى MU5735 نومۇرلۇق ئايروپىلانىنىڭ ئۇچۇش ھادىسىسىدە بەختسىزلىككە ئۇچرىغان قېرىنداشلارغا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ