مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ۋاڭ ياڭ ئومان مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى ماۋالى بىلەن كۆرۈشتى

2022.03.28 11:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا بېيجىڭدا ئومان مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ رەئىسى ماۋالى بىلەن سىن شەكلىدە كۆرۈشتى.

  ۋاڭ ياڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە خەسەم سۇلتاننىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن ئوماننىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن-ئاخىر جۇڭگو-ئومان مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، ئومان تەرەپ بىلەن بىر يولدا تىرىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى پۇختىلاپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئەرەب دۆلەتلىرى ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى يەنىمۇ بېيىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى ئومان كېڭەش يىغىنى بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  ماۋالى يېقىندا شەرق ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلار ئايرۇپىلانىنىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغانلىقىدىن ھال سورىدى، جۇڭگونىڭ قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئومان تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ، ئومان مەسلىھەت كېڭىشى جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئومان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  لى بىن، گاۋ يۈنلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ