مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ كورېيەنىڭ سايلانغان زۇڭتۇڭى بىلەن تېلېفونلاشتى

2022.03.29 12:21 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن كورېيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان يىن شىيۆ بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ يىن شىيۆنىڭ كورېيە زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كورېيە كۆچۈپ كەتمەيدىغان مەڭگۈلۈك يېقىن قوشنىلار، شۇنداقلا ئايرىلماس ھەمكارلىق ھەمراھلىرى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ كورېيە مۇناسىۋىتىگە ئىزچىل ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو ـ كورېيە مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك تېز تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىرىغا ئايلىنىپ بولدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو ـ كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىل جۇڭگو ـ كورېيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى. ئىككى تەرەپ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئەلئارا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ـ كورېيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر خەلقئارا جەمئىيەت قاتمۇقات خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن كورېيە رايون تىنچلىقىنى قوغداش، دۇنيانىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، خەلقئارا ۋە رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يەر شارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  يىن شىيۆ جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى، جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە مۇھىم، زور تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. يىن شىيۆ مۇنداق بىلدۈردى: كورېيە بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا غايەت زور نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى. كورېيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشقا پايدىلىق، شۇنداقلا شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشىدۇ. كورېيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەلئارا دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كورېيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ