مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى

گوۋۇيۈەننىڭ قانۇننى يولغا قويۇش مەسئۇل تارمىقىنىڭ دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، لى جەنشۇ سۆز قىلدى

2022.03.28 11:03 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندىن بۇيان، شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم، زور تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دىققەتنى بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇدا تۆت يىل ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى ۋە قاتتىق تاشلاندۇقلارنىڭ مۇھىتنى بۇلغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى قاتارلىق تۆت مەخسۇس قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، بۇ يىل مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ ئىجراسى تەكشۈرۈلدى. 3-ئاينىڭ 23-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇنىڭ رىياسەتچىلىكىدە بېيجىڭدا قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلىپ، گوۋۇيۈەننىڭ قانۇننى يولغا قويۇش مەسئۇل تارمىقىنىڭ مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك، ئىجادىي، ئۇزاق مۇددەتلىك خىزمەتلەرنى پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا تونۇشتىن ئەمەلىيەتكىچە تارىخىي خاراكتېرلىك، بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش ۋە نازارەت قىلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا دائىر قانۇن چىقىرىشتا مىقداردىن سۈپەتكە ئومۇميۈزلۈك ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا كۈچ قوشۇپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇن ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش ئاڭلىقلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچىيىپ، قانۇننى يولغا قويۇشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ئەمەلىي خىزمەت داۋامىدا نۇرغۇن قانۇنلار تېخى ئومۇميۈزلۈك، قاتتىق يولغا قويۇلمىدى. قانۇن پارتىيەنىڭ تەشەببۇسى ۋە خەلق ئىرادىسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى بولۇپ، ئۇنىڭغا ئۇزاق مۇددەتلىك ئەمەلىيەت تەجرىبىسى ۋە كەڭ ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملەنگەن، بىر قانۇندا مۇناسىپ ساھەلەرنىڭ خىزمىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك تۈزۈم خاراكتېرلىك بەلگىلىمە بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەجبۇرلاش خاراكتېرىگە ئىگە. ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ياخشى بولسا، مۇناسىپ ساھەلەرنىڭ خىزمەت سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مۇھىت ئاسراش قانۇنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ساھەسىدە يېتەكچىلىك رول ئوينايدىغان ئۇل خاراكتېرلىك ئۇنىۋېرسال قانۇن، مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىيەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرگەنلىك. قانۇن بەلگىلىمىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇننىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى سىياسەت-تەدبىرلىرى، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەش تۈزۈم-تەدبىرلىرى، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش تۈزۈم-تەدبىرلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇھىم تۈزۈم، تەدبىر، مەسئۇلىيەتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈمى كۆرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇننى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق چۈشىنىش، يولغا قويۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشكەن-ئەمەلىيلەشمىگەنلىكى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنىڭ ھەقىقىي ئادا قىلىنغان-قىلىنمىغانلىقى، قانۇن جاۋابكارلىقىنىڭ قاتتىق سۈرۈشتۈرۈلگەن-سۈرۈشتۈرۈلمىگەنلىكىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەرنى ئىز قوغلاپ نازارەت قىلىپ تۈزىتىپ، قانۇنچىللىق يولىدا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىق بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، گۈزەل جۇڭگو بەرپا قىلىش كېرەك.

  لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى تەكشۈرۈشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراشقا دائىر قانۇن سىستېمىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق-تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى پۈتكۈل خەلقنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، خەلق رايىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مۇجەسسەملەپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى گەۋدىلىك ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، دىڭ جۇڭلى يىغىنغا قاتناشتى. دۆلەت كومىسسارى ۋاڭ يۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر يىغىنغا قاتناشتى. گوۋۇيۈەننىڭ قانۇننى يولغا قويۇشقا مەسئۇل تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات بەردى، ئالاقىدار تارماقلار يازما ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىدى. ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى سىنلىق شەكىلدە يىغىنغا قاتناشتى.

  بۇ قېتىمقى قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈشتە كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ، تۆت تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنۈپ سەككىز ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا بېرىپ، نەق مەيداندا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، باشقا ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىغا تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇشنى ھاۋالە قىلىپ، 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) نى «تولۇق قاپلاش»نى ئىشقا ئاشۇردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ