مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

لى كېچياڭ بېيجىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشكە كەلگەن لىنجېڭ يۆئې، خې يىچېڭ بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

خەن جېڭ قاتناشتى

2021.12.24 12:19 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12–ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە راۋىقىدا بېيجىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشكە كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ شياڭگاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باش مەمۇر لىجېڭ يۆئېنىڭ باشلامچىلىقىدا ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى سالماقلىق بىلەن مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ–تىزگىنلەپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈردى. مەركىزىي ھۆكۈمەت باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئې ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: مەركىزىي ھۆكۈمەت «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇننى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار تۈزۈم ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باش مەمۇرنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ. شياڭگاڭنىڭ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، سودا ۋە ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىدىكى مەركەزلىك ئورنىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش شياڭگاڭنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ھازىرلاپ بېرىشكە پايدىلىق. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشىغا كۈچ قوشۇشىنى؛ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، شەھەر ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كەڭ شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، شياڭگاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  لىنجېڭ يۆئې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2021–يىلى ناھايىتى قىيىن ئۆتتى، بۇ زور ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ شياڭگاڭنىڭ يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش -تىزگىنلىشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت، شياڭگاڭدىكى ھەر ساھە ئىچكىرى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۈمىد قىلماقتا. كەلگۈسىدە شياڭگاڭ زېھنىنى ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ.

  ۋاڭ يى، جاۋ كېجى، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 12–ئاينىڭ 22–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭنەنخەيدىكى بىنەپشە راۋىقىدا بېيجىڭغا بېيجىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشكە كەلگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئاۋمېننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ قاتناشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، باش مەمۇر خې يىچېڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالدى ۋە كونترول قىلدى. مەركىزىي ھۆكۈمەت باش مەمۇر خې يىچېڭ ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەركىزىي ھۆكۈمەت «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»، « ئاۋمېننى ئاۋمېنلىقلار ئىدارە قىلىش» يۈكسەك ئاپتونومىيە فاڭجېنىنى داۋاملىق، ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇننى يولغا قويۇشقا ئالاقىدار تۈزۈم ۋە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، باش مەمۇرنىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ. ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، خېڭچىن گۇاڭدۇڭ- ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ ۋە ئۇنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاۋمېن ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىدە يېڭى قەدەم تاشلىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاپ، ئاۋمېننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  خې يىچېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت. بىر يىلدىن بۇيان، ئاۋمېننىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتى ئىناق، مۇقىم بولدى. كەلگۈسىدە ئاۋمېن يۇقۇمنىڭ داۋاملىق ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە تىزگىنلەپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئەسلىگە كېلىشىنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

  ۋاڭ يى، جاۋ كېجى، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ