مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32-قېتىملىق يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى، شاۋقۇندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى لايىھەسى، خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنى لايىھەسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى

لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2021.12.22 09:32 مەنبە: خەلق تورى

  13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 32-قېتىملىق يىغىنى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. كومىتېت باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىنغا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكى 154 كىشى قاتناشتى، يىغىنغا قاتناشقان ئادەم سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شېن چۈنياۋ بەرگەن يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەشكىلىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ ئىككىنچى قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خامچوت، راسچوت تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر تەپسىلىيلەشتۈرۈلۈپ ۋە تولۇقلىنىپ، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ئۇلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ رايونلار بويىچە ھەمكارلىشىپ قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپلىرىنى بېجىرىش ئەھۋالىنى شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ياكى يېزا-بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيىغا دوكلات قىلىش ھەم ئاشكارىلاش قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى يىغىن ئېچىشنى مۇۋاپىق ئالدىغا سۈرۈش ياكى كېچىكتۈرۈشنى قارار قىلسا بولىدۇ، دەپ بەلگىلەندى. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ داۋاملىق قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش ھەم دائىمىي كومىتېت تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەنى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇشنى قارار قىلىش تەكلىپىنى بەردى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جۇ گۇاڭچۈەننىڭ تەشكىللىك جىنايەت ئكتكۈزۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى خۇ كېمىڭنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزا سۇڭ بىننىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئۇرۇقچىلىق قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مۇئاۋىن مۇدىر ئەزا جياڭ بىشىننىڭ شاۋقۇندىن بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش قانۇنى لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ھەق تەلەپ دەۋا قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى يۇقىرىقى ئالتە تۈرلۈك لايىھە بىر قەدەر پىشىپ يېتىلدى دەپ قاراپ، بۇ قېتىمقى دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىپ ماقۇللىشىغا سۇنۇش تەكلىپىنى بەردى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى شۈ خۇينىڭ كەسپىي مائارىپ قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. لايىھەنىڭ 2-قېتىم قاراپ چىقىلغان نۇسخىسىدا كەسپىي مائارىپنىڭ مەزمۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى، يېزا كەسپىي مائارىپىنى قوللاش سالمىقى ئاشۇرۇلدى، كارخانىلارنىڭ كەسپىي مائارىپنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىلدى ۋە يېتەكچىلىك قىلىندى، كەسپىي مائارىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىجتىمائىي مۇھىتى قاتارلىقلارغا ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر ئەلالاشتۇرۇلدى.

  پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىغا مۇلازىمەت قىلىش جەھەتتىكى فۇنكسىيەلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، دائىمىي كومىتېت قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يۇڭ ئىزاھات بەردى.

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تىجارەت-سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا شىركەت قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دائىمىي كومىتېت قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ رۈيخې كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئىزاھات بەردى.

  مەركەز خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كېڭىشىش قائىدىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىگە قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، دائىمىي كومىتېت قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ زېڭ ئىزاھات بەردى.

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى شىن چۈنيىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سانى ۋە سايلام مەسىلىسى توغرىسىدىكى قارار لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى؛ دائىمىي كومىتېت قانۇنچىلىق خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شېن چۈنياۋ شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى لايىھەسى ۋە ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش چارىسى لايىھەسى توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قارا تۇپراقنى قوغداش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەكىللەرنىڭ تەكلىپ لايىھەسى ۋە تەكلىپىنى ياخشى بېجىرىش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتى قارا تۇپراقنى قوغداش قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى ۋاڭ شيەنكۈي ئىزاھات بەردى.

  خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاياللار خىزمىتىنى كۈچەيتىش، ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش، ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكى ۋە ئاياللارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتى ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئىجتىمائىي قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى خې يىتىڭ ئىزاھات بەردى.

  خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خۇاڭخې مەدەنىيىتىنى قوغداش، ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش قانۇنى لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى لى گويىڭ ئىزاھات بەردى.

  گوۋۇيۈەن تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنىنى قاراپ چىقىشقا ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشكە سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. گوۋۇيۈەننىڭ ھاۋالىسى بىلەن، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى تاڭ يىجۈن ئىزاھات بەردى.

  يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى ئىقتىساد خىزمىتىنى نازارەت قىلىش يېڭى ۋەزىيىتى، يېڭى ۋەزىپىسىنى توغرا ئىگىلەپ، نازارەت قىلىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، نازارەت قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شۈ شاۋشى ئىزاھات بەردى.

  يىغىندا كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5-يىغىنىنى ئېچىش توغرىسىدىكى قارار لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چىقىلدى.

  يىغىندا ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى فېي، مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت-سەھىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى لى شۆيۇڭ، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى جياڭ چاۋلياڭ ئايرىم-ئايرىم بەرگەن 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنى ھەيئەت رىياسىتى بۇ كومىتېتنىڭ قاراپ چىقىشىغا تاپشۇرغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا دائىمىي كومىتېت ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى ۋۇ يۈلياڭنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش لايىھەسى قاتارلىقلار قاراپ چىقىلدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ۋاڭ چېن، ساۋ جيەنمىڭ، جاڭ چۈنشيەن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، چېن جۇ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، بەيما چىلىن، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، ۋۇ ۋېيخۇا، باش كاتىپ ياڭ جېنۋۇ يىغىنغا قاتناشتى.

  دۆلەت كومىسسارى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى ۋېي فېڭخې، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جوۋ چياڭ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى جاڭ جۈن، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) لىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ