شى جىنپىڭ بېيجىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشكە كەلگەن لىنجېڭ يۆئې بىلەن كۆرۈشتى

2021.12.24 09:13 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى يىڭتەيدە بېيجىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشكە كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې بىلەن كۆرۈشتى

  ■ بىر يىلدىن بۇيان، شياڭگاڭنىڭ قالايمىقانچىلىقتىن تۈزىلىشكە ئۆتۈش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىقتىساد تەدرىجىي قايتا جانلاندى، جەمئىيەت تىنچ ھالەتنى ساقلىدى. باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئې ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن چىقىرىشىغا ئاساسەن، شياڭگاڭنىڭ سايلام تۈزۈمىنى سىستېمىلىق تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈردى؛ سايلام كومىتېتىنىڭ سايلىمى ۋە قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ سايلىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، شياڭگاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دېموكراتىيە - تەرەققىياتنىڭ پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولدى؛ شياڭگاڭدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، قانۇن بويىچە توپىلاڭنى توسۇپ، قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىپ، قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاپ، قانۇنچىللىقنىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىدى؛ پائال تەدبىر قوللىنىپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىچكىرى رايونلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى. مەركەز باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئې ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى يىڭتەيدە بېيجىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشكە كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لىنجېڭ يۆئې بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ شياڭگاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، شياڭگاڭنىڭ قالايمىقانچىلىقتىن تۈزىلىشكە ئۆتۈش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش نەتىجە - ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىقتىساد تەدرىجىي قايتا جانلاندى، جەمئىيەت تىنچ ھالەتنى ساقلىدى. باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئې ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قارارى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن چىقىرىشىغا ئاساسەن، شياڭگاڭنىڭ سايلام تۈزۈمىنى سىستېمىلىق تۈزىتىپ مۇكەممەللەشتۈردى؛ سايلام كومىتېتىنىڭ سايلىمى ۋە قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ سايلىمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، شياڭگاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دېموكراتىيە - تەرەققىياتنىڭ پۇختا قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولدى؛ شياڭگاڭدا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىنى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، قانۇن بويىچە توپىلاڭنى توسۇپ، قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىپ، قالايمىقانچىلىقنى ئوڭشاپ، قانۇنچىللىقنىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغدىدى؛ پائال تەدبىر قوللىنىپ، ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىچكىرى رايونلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇردى. مەركەز باش مەمۇر لىنجېڭ يۆئې ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، شياڭگاڭدا 7 - نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. يېڭى سايلام تۈزۈمىدە، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى سايلام كومىتېتىنىڭ سايلىمى ۋە 7 - نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ سايلىمى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەممىسى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. كەڭ شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش دېموكراتىك ھوقۇق - مەنپەئىتى نامايان قىلىنىپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى ساھە كەڭ دائىرىدە، باراۋەر قاتنىشىدىغان سىياسىي ئەندىزە ئورنىتىلدى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، يېڭى سايلام تۈزۈمى «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن، شياڭگاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، شياڭگاڭنىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تۈزۈم تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، بىر يۈرۈش ياخشى تۈزۈم.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى قارار چىقىرىلدى، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» مۇھىم مەزمۇن سۈپىتىدە بۇنىڭغا كىرگۈزۈلدى. شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن بۇيانقى 20 نەچچە يىللىق قالتىس مۇساپە شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ يولغا قويۇلۇشى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق، شياڭگاڭنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق، كەڭ شياڭگاڭلىق قېرىنداشلارنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغداشقا پايدىلىق. مەركەز «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرىدۇ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئەمەلىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى ۋە تۈزۈم سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ ئەۋزەللىكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامايان بولىدۇ. كەڭ شياڭگاڭلىق قېرىنداشلار چوقۇم ۋەتەننى سۆيۈش، شياڭگاڭنى سۆيۈشتەك شەرەپلىك ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئورتاق كۈرەش قىلىدۇ.

  خەن جېڭ، دىڭ شۆشياڭ، گو شېڭكۇن، يوۋ چۈەن، ۋاڭ يى، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ