مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ جېجياڭدا» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2021.12.22 09:25 مەنبە: خەلق تورى

  زىيارەت خاتىرىسى «شى جىنپىڭ جېجياڭدا» ناملىق كىتاب يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  شى جىنپىڭ 2002 - يىلى 10 - ئايدا جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى بولغان، 2002 - يىلى 11 - ئايدىن 2007 - يىلى 3 - ئايغىچە جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. يېڭى ئەسىرگە كىرىپ، جېجياڭ ئىقتىساد زور تەرەققىي قىلىش، جەمئىيەت زور تىپ ئۆزگەرتىشتەك ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرغاندا، شى جىنپىڭ جېجياڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرگەن ھالدا، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئاساسىدا جېجياڭنىڭ ئۆلكە ئىدارە قىلىش باش تەدبىرى بولغان «ئىككى سەككىز ئىستراتېگىيەسى»نى ئوتتۇرىغا قويۇپ ھەم يولغا قويۇپ، جېجياڭنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك يىرىك پىلان تۈزۈپ ۋە ئۇنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەپ، جېجياڭنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشى ۋە يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى، بۇ يەنە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى مۇھىم نەزەرىيە تەييارلىقى ۋە ئەمەلىيەت تەييارلىقىغا ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن جېجياڭنىڭ خىزمەتلىرىگە ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىك قىلغان. زىيارەت خاتىرىسى «شى جىنپىڭ جېجياڭدا» ناملىق كىتابتا، ئەينى يىلى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتىكى رەھبىرىي يولداشلار، ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق تارماقلار ۋە ۋىلايەت، شەھەرلەردىكى رەھبىرىي كادىرلار، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە كارخانىچىلار، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە مۇخبىرلار قاتارلىقلار بىلەن سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ جېجياڭغا رەھبەرلىك قىلىپ ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىش، ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، شەھەر - يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن رايونلار تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش، ئېكولوگىيەلىك ئۆلكە بەرپا قىلىش، قانۇنچىل جېجياڭ ۋە تىنچ - ئامان جېجياڭ قۇرۇش، مەدەنىيەت چوڭ ئۆلكىسى قۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئويلىنىشى ۋە ئەمەلىيىتى كونكرېت نامايان قىلىنغان.

  بۇ زىيارەت خاتىرىسى شى جىنپىڭنىڭ يۈكسەك ئىدىيەۋى نەزەرىيە سەۋىيەسى ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر بەلگىلەش سەۋىيەسى، گەۋدىلىك سىياسىي رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى مەركەزلىك نامايان قىلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ سەمىمىي، ئاددىي - ساددا خەلقچىل ھېسسىياتى ۋە چوڭقۇر ئەمەلىيەتچىل خىزمەت ئىستىلىنى تولۇق نامايان قىلىپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى كۆڭلىگە پۈكۈپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى، رەھبەرلىك ئىقتىدارى ۋە رەھبەرلىك سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى جانلىق دەرسلىك بىلەن تەمىنلىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ