مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن تېلېفونلاشتى

2021.12.23 09:39 مەنبە: خەلق تورى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى كەچتە گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن تېلېفونلاشتى.

  شى جىنپىڭ شولىزنىڭ گېرمانىيە زۇڭلىلىقىنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ گېرمانىيە مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ـ گېرمانىيە ھەمكارلىقى ئىزچىل جۇڭگو ـ ياۋروپا ھەمكارلىقىنىڭ «سەركىسى» بولۇپ كەلدى، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ چىقارغان توغرا تاللىشى. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. يېرىم ئەسىرنى ئەسلىگىنىمىزدە، جۇڭگو ـ گېرمانىيە مۇناسىۋىتى يېتەرلىك ھاياتىي كۈچ، چىدامچانلىق، ئېلاستىكلىق، يوشۇرۇن كۈچنى نامايان قىلدى؛ كەلگۈسى 50 يىلغا نەزەر سالساق، ئىككى دۆلەت نەزەر دائىرىسىنى پۈتۈن يەر شارىغا قويۇپ، يىراقنى كۆزلەپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، تىرىشىپ جۇڭگو ـ گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  بىرىنچى، ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە مۇھىم تەسىرگە ئىگە چوڭ دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىي قىلىشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغىمۇ پايدىلىق. ئىككى تەرەپ قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىنى پۇرسەت بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن يېتەكلەشتەك ئېسىل ئەنئەنىنى ساقلاپ، جۇڭگو ـ گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يول باشلىشى، نىشان بەلگىلىشى كېرەك. قوش تەرەپلىك سۆزلىشىش ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بولۇپمۇ جۇڭگو ـ گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كېڭىشىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىككى تەرەپ ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ھالدا كېلەر يىلىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى پىلانىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.

  ئىككىنچى، ئەمەلىيەتچىل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىغا پائال تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو ـ گېرمانىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىدىن كۆپ نەپكە ئېرىشتى. جۇڭگو ئۇدا بەش يىل گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھىغا ئايلاندى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ئىككى تەرەپ يېڭى ئېنېرگىيە، يېشىل ۋە رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق يېڭى ھەمكارلىق ساھەلىرىنى پائال ئېچىپ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشى كېرەك. گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىنى قارشى ئالىمەن، شۇنداقلا گېرمانىيە تەرەپتىن جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن ئادىل تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. گېرمانىيە جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى، ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرگە بەخت يارىتىپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

  ئۈچىنچى، قول تۇتۇشۇپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىۋى ئىدارە قىلىشقا يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ قوغدىغۇچىسى، يەر شارىۋى تەرەققىياتقا تۆھپە قوشقۇچى بولۇپ، خەلقئارا ئىشلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى زورايتىپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش، ۋاكسىنىنىڭ ئادىل تەقسىملىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتۈن يەر شارى، بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يۇقۇمدىن كېيىنكى ئەسلىگە كېلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، نامراتلارنى ئازايتىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش قاتارلىق پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تەقدىرىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان لايىھەنى تېپىپ چىقىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتتىكى دېموكراتىيە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ ۋە ئۇنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەر خىل شەكىلدىكى زومىگەرلىك قىلمىشى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىغا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەر بىرلىكتە تەرەققىي قىلسا، ئاندىن ھەقىقىي تەرەققىي قىلغانلىق بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ گېرمانىيە تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ياۋروپا پۈتۈن يەر شارىدىكى ئىككى چوڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولىدىغان كۈچ، كەڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇش ۋە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. ئىككى تەرەپ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ ئورۇن بەلگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. گېرمانىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىگە سىجىل مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شولىز مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس ئەپەندىنىڭ مەن گېرمانىيە زۇڭلىلىقىنى ئۈستۈمگە ئالغاندىن كېيىن تەبرىك خېتى ئەۋەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. بىزنىڭ ئىلگىرىكى ئالاقىمىز مېنىڭ ھېلىمۇ ئېنىق ئېسىمدە، گېرمانىيە ـ جۇڭگو دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىغا ۋارىسلىق قىلىشنى ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايمەن. ھازىر، گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سودا، مەبلەغ سېلىش مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق يەر شارىۋى خىرىسلار جەھەتتىكى ھەمكارلىقى قويۇق، ئافغانىستان، ئىران يادرو مەسىلىسى قاتارلىق رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشى قويۇق. بۇلار گېرمانىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىدىكى ئۈچ تۈۋرۈكنى ھاسىل قىلدى. گېرمانىيە تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش روھى بويىچە، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، گېرمانىيە ـ جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. گېرمانىيە تەرەپ كېلەر يىلى گېرمانىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك گېرمانىيە ـ جۇڭگو ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، پاكىز ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، مۇلازىمەت كەسپى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىجابىي پوزىتسىيە بىلەن ياۋروپا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ياۋروپا ـ جۇڭگو مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنىڭ بالدۇرراق كۈچكە ئىگە بولۇپ يولغا قويۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە خەلقئارا ئىشلاردا كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرى ئۆزئارا يېڭى يىللىق سالام يوللىدى ھەم دائىملىق پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، ئورتاق تىرىشىپ جۇڭگو ـ گېرمانىيە، جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ