مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

ۋاڭ چىشەن تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2021.12.22 23:16 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

تەبرىك خېتى

شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، مەن ئالاھىدە رايوندىكى كەڭ قۇرغۇچىلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!

40 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.

يېڭى مۇساپىدە، سىلەرنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2021 - يىلى 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شيامېن، 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تېلېگراممىسى شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ئالاھىدە رايوندىكى كەڭ قۇرغۇچىلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆزگىچە رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، سىلەرنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا سىڭىشىپ، دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا جۈرئەت قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىرىشىپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ چىشەن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش مۇساپىسىدىكى بىر ئۇلۇغ ئىجادىيەت. 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىدىكى كەڭ قۇرغۇچىلار ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى يەردە قويماي، شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى قولغا كەلتۈردى. شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى پارتىيەمىزنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتقانلىقىنىڭ جانلىق كارتىنىسى بولۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى.

ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىز مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىنىڭ قانۇنىيىتى توغرىسىدىكى ئون تۈرلۈك تونۇشنى چوڭقۇر خۇلاسىلىدى، بۇ يېڭى دەۋردىكى شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىدا مۇھىم يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جەزمەن چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. شيامېننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە يەنە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىنى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا يەنە يېڭى سەھىپە پۈتۈشىنى، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشتە يەنە يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون ئىشلىرىغا بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

ۋاڭ چىشەن شيامېننىڭ پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ساپاسى يۇقىرى، مەنزىرىسى گۈزەل زامانىۋىلاشقان، خەلقئارالاشقان شەھەرنى ياخشى قۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

يىغىندا فۇجيەن ئۆلكىسى، شيامېن شەھىرىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، شيامېن ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ 40 يىللىقىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن قۇرغۇچىلار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ