شى جىنپىڭ بېيجىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشكە كەلگەن خې يىچېڭ بىلەن كۆرۈشتى

خەن جېڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

2021.12.24 09:30 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى جۇڭنەنخەيدىكى يىڭتەيدە بېيجىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشكە كەلگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ بىلەن كۆرۈشتى.

  ■ بىر يىلدىن بۇيان، ئاۋمېن مۇقىملىق، تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، «ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىچكىرى رايونلار بىلەن بولغان خادىملارنىڭ نورمال بېرىپ كېلىشىنى ساقلاپ كەلدى. ئاۋمېن ئىقتىسادى تەدرىجىي قايتا جانلىنىپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپى ۋە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار يۆلەش - ياردەم بېرىشكە ئېرىشتى. دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قانۇن - تۈزۈم ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 7 - نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ سايلىمى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسپى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتى. مەركەز «خېڭچىن گۇاڭدۇڭ - ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى، ئاۋمېن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە سىڭىشىشتە يېڭى قەدەم تاشلىدى. مەركەز باش مەمۇر خې يىچېڭ ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى يىڭتەيدە بېيجىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشكە كەلگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئاۋمېننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 22 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، مۇشۇ پۇرسەتتە، كەڭ ئاۋمېنلىق قېرىنداشلارغا بايراملىق سالام يوللايمەن ۋە بەخت تىلەيمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، ئاۋمېن مۇقىملىق، تەرەققىيات ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ - تىزگىنلەپ، «ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىچكىرى رايونلار بىلەن بولغان خادىملارنىڭ نورمال بېرىپ كېلىشىنى ساقلاپ كەلدى. ئاۋمېن ئىقتىسادى تەدرىجىي قايتا جانلىنىپ، قىيىنچىلىقى بار كىشىلەر توپى ۋە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار يۆلەش - ياردەم بېرىشكە ئېرىشتى. دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان قانۇن - تۈزۈم ۋە ئىجرا قىلىش مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى 7 - نۆۋەتلىك قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ سايلىمى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، «ئاۋمېننى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» پىرىنسپى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئەمەلىيلەشتى. مەركەز «خېڭچىن گۇاڭدۇڭ - ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويدى، ئاۋمېن دۆلەتنىڭ تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە سىڭىشىشتە يېڭى قەدەم تاشلىدى. مەركەز باش مەمۇر خې يىچېڭ ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن يەرشارىدا سىجىل يامراپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادى، جەمئىيىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئارقىلىق، ئاۋمېن جەمئىيىتىدىكى ھەرقايسى ساھەدىكىلەرنىڭ ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى تەرەپتە ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا تونۇشى تېخىمۇ سەگەك بولدى، ئاۋمېننىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە قارىتا ئويلىنىشى تېخىمۇ چوڭقۇر بولدى. ۋەتەن باشتىن - ئاخىر ئاۋمېننىڭ ئۇزاققىچە گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى كۈچلۈك ئارقا تىرەك، مەركەز «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاۋمېننىڭ ئىقتىسادنىڭ مۇۋاپىق كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىشىنى داۋاملىق قوللاپ، ئاۋمېنچە ئالاھىدىلىككە ئىگە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى سەھپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتىدۇ.

  خەن جېڭ، دىڭ شۆشياڭ، گو شېڭكۇن، يوۋ چۈەن، ۋاڭ يى، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ