مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 ـ تومىنىڭ مالاي يېزىقى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى كۇئالالۇمپۇردا ئۆتكۈزۈلدى

2021.12.23 09:38 مەنبە: خەلق تورى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۇئالالۇمپۇر، 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، جۇڭگو چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى ـ تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى ۋە جۇڭگونىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 ـ تومىنىڭ مالاي يېزىقى نۇسخىسىنى تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمى 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى مالايسىيانىڭ كۇئالالۇمپۇر كۆرگەزمە مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  مالايسىيا تۆۋەن پالاتاسىنىڭ پالاتا باشلىقى ئەزھەر ئاچىزان ھارۇن شۇ كۈنى پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈ لىن، جۇڭگو چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى ـ تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى دۇ جەنيۈەن سىنلىق سۆز قىلدى. جۇڭگونىڭ مالايسىيادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئوۋياڭ يۈجىڭ، مالايسىيا دۆلەتلىك تىل ـ ئەدەبىيات، نەشرىيات ئىدارىسى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ئاۋاڭ سالىيەن ھەمدە مالايسىيا تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلام سىياسىي ئەربابلىرى، سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ رەھبەرلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، تاراتقۇلار، ئاقىللار ئامبىرى ۋەكىللىرى قاتارلىق ھەر ساھە زاتلىرىدىن بولۇپ 150 كىشى شۇ كۈندىكى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  شۈ لىن سىنلىق سۆز قىلىپ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى. 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دۇنيا سوتسىيالىزمىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا چاقناپ تۇرىدىغان مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، دۇنيا سوتسىيالىزم تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى جانلىق پۈتۈپ، ماركسىزمنىڭ يېڭى مەنزىلىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشتى، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. بولۇپمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىندى. ھەممىگە ئايان بولغان بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھەممىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئەمەلگە ئاشتى. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ توملىرىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە تومۇرى مەركەزلىك نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭغا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنىڭ «مەخپىي شىفىرى» مۇجەسسەملەنگەن، ئۇ جۇڭگو ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى چۈشىنىشتىكى «ئاچقۇچ». «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 ـ تومىنىڭ مالاي يېزىقى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى مالايسىيالىق دوستلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىدىيەسى ۋە ھېسسىياتىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىگە پايدىلىق.

  ئەزھەر ئاچىزان ھارۇن سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئون يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە، يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، كىشىنى قايىل قىلىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 ـ تومىنىڭ مالاي يېزىقى نۇسخىسى مالاي يېزىقىنى قوللىنىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەننىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەھەتتىكى سىياسىتى ۋە كۆز قارىشىنى تېخىمۇ بىۋاسىتە چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ.

  ئوۋياڭ يۈجىڭ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن مالايسىيا دېڭىز ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقى مىڭ يىلدىن ئاشىدۇ، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى قوشنا، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان ياخشى ھەمراھ. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 ـ تومىنىڭ مالاي يېزىقى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى جۇڭگو ـ مالايسىيا ئىككى دۆلەتنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىنىڭ يېڭى نەتىجىسى ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ يېڭى گۇۋاھچىسى بولۇپ، جەزمەن جۇڭگو ـ مالايسىيا ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو ـ مالايسىيا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جۇڭگو ـ مالايسىيا مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

  تۇنجى تارقىتىش مۇراسىمىدا، جۇڭگولۇق ۋە مالايسىيالىق ئەزىز مېھمانلار بىرلىكتە تۇنجى قېتىم تارقىتىلغان يېڭى كىتابنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى، جۇڭگو تەرەپ يەنە مالايسىيا تەرەپ ئەزىز مېھمانلىرىغا يېڭى كىتاب سوۋغا قىلدى.

  «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 ـ تومىنىڭ مالاي يېزىقى نۇسخىسىنى چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى بىلەن مالايسىيا دۆلەتلىك تىل ـ ئەدەبىيات، نەشرىيات ئىدارىسى بىرلىكتە تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلغان. ھازىرغا قەدەر، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا» ناملىق كىتابنىڭ 1 ـ تومى 36 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىندى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ