فىلىپپىننىڭ تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن
شى جىنپىڭ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى
2021.12.22 23:17 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ فىلىپپىننىڭ تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن فىلىپپىن زۇڭتۇڭى دۇتېرتقا ھال سوراش تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: فىلىپپىننىڭ تەيفېڭ بورىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ئېغىر، زور تالاپەت ۋە مال ـ مۈلۈك زىيىنى كۆرۈلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ چۆچۈپ كەتتىم، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەم ئۆز نامىمدىن، قازا قىلغانلارغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن، قازا قىلغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋە يارىلانغانلاردىن سەمىمىي ھال سورايمەن. جۇڭگو تەرەپ فىلىپپىن تەرەپكە قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ. ئاپەت رايونىدىكى خەلقنىڭ ئاپەت ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، يۇرت ـ ماكانىنى قايتا قۇرۇپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ