مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىگە قارىتا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، تىرىشىپ ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك

2021.12.23 09:41 مەنبە: خەلق تورى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى تېلېگراممىسى مەملىكەتلىك پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلەش يىغىنى 12 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ پېشقەدەم كادىرلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى پېشقەدەم كادىرلار خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسىنى ئەسلىسەك، كەڭ پېشقەدەم كادىرلار جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەسلىي مەقسەت ـ بۇرچقا بولغان ئىرادىسىدىن قايتماي، غايە ـ ئېتىقادتا مۇستەھكەم، قەتئىي بولۇپ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا چەكسىز سادىق بولۇپ، مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ياشانغاندىمۇ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، داۋاملىق نۇر چېچىپ، ھارارەت تارقىتىپ، پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەر توغرىسىدىكى ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەپ، پائال تۈردە ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پېشقەدەم كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈشتىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. ئۇزاقتىن بۇيان، كەڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمەتچىلىرى ئۈن ـ تىنسىز، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاپ، پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى، پائال تۆھپە قوشتى. پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى تارماقلىرى ۋە پېشقەدەم كادىرلار خىزمەتچىلىرى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، تىرىشىپ ئاددىي ئىش ئورنىدا قالتىس نەتىجىلەرنى يارىتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ھەم ئۇلارنىڭ تەشكىلات تارماقلىرى پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى قوشۇنىغا ئەھمىيەت بېرىپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، ئۇلارنى يېتىشتۈرۈشنى، تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئىلگىرىلىشىگە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.

  يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چېن شى يىغىندا سۆز قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كەڭ پېشقەدەم كادىرلارنى ھۆرمەتلەيدىغانلىقى، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە پېشقەدەم كادىرلار خىزمەتچىلىرىدىن سەمىمىي ئۈمىد كۈتىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى تۈپ مىزان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىنى مېھىر ـ مۇھەببەت ۋە مەسئۇلىيەت بىلەن ياخشى ئىشلەپ، مۇلازىمەتنى كۆڭۈل قويۇپ، ئىنچىكە، دەل جايىدا ياخشى قىلىپ، كەڭ پېشقەدەم كادىرلارنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەش كېرەك. پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتى تارماقلىرى ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، پېشقەدەم كادىرلارنى رازى قىلىدىغان نەمۇنىلىك تارماق قۇرۇپ چىقىپ، سىياسىيدا قەتئىي، ئىستىلى ئېسىل، كەسىپكە پىشقان قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مەملىكەت بويىچە پېشقەدەم كادىرلار خىزمىتىدىكى 100 ئىلغار كوللېكتىپ ۋە 300 ئىلغار شەخس تەقدىرلەندى. ئىلغار كوللېكتىپ، ئىلغار شەخسلەر ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ