مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​شى جىنپىڭ بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2021.10.08 09:38 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو - بىرۇنېي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن​

  شى جىنپىڭ بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو بىلەن بىرۇنېينىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرۇنېي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 30 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ساغلام، تېز تەرەققىي قىلدى، سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش كۈنسېرى چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سىجىل چوڭقۇرلاشتى، رايون ۋە خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىقنى ئورتاق يېڭىپ، يېڭى دوستلۇق سەھىپىسىنى پۈتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - بىرۇنېي مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سۇلتان ئالىيلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، بۇ يىل دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقنىڭ 30 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - بىرۇنېي ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

  خاسانئال تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىرۇنېينىڭ مۇھىم ھەمكارلىق ھەمراھى، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. بىرۇنېي تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرۇنېينىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشىغا مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ