مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

​«جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا ئائىت ئۇنىۋېرسال بايان»

2021.10.08 09:34 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  خەلق گېزىتى ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلىدۇ​

  «جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا ئائىت ئۇنىۋېرسال بايان»

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان خەلق گېزىتى 10 - ئاينىڭ 2 - كۈنى «جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىدىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىغا ئائىت ئۇنىۋېرسال بايان» ناملىق ئىمزالىق ماقالىنى ئېلان قىلىدۇ.

  «زامانىمىزدىكى جۇڭگو ياشلىرى يېڭى دەۋر بىلەن ئوخشاش يۆنىلىشتە تەڭ ماڭىدىغان، ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بىر ئەۋلاد، ئۇلار گۈللەنگەن دەۋرگە توغرا كەلگەن بولۇپ، مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان. كەڭ ياشلار ۋەتەننى سۆيۈپ، خەلقنى سۆيۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش داۋامىدا ئېتىقادىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىلھام ئېلىپ، كۈچ قوبۇل قىلىپ، <تۆت ئىشەنچ>نى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىپ، جۇڭگولۇق بولۇش ئىرادىسى، شىجائىتى، غەيرىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ۋەتەن ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن مەڭگۈ كۈرەش قىلىدىغان، سەمىمىيلىك بىلەن ئۆزىنى بېغىشلايدىغان قەتئىي غايە تۇرغۇزۇشى كېرەك.» بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخۇا داشۆدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا شۇنداق كۆرسەتتى.

  ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ۋەتەننى سۆيۈش ئىنسانلار دۇنياسىدىكى ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق، ئەڭ ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ھېسسىيات، ئادەمنىڭ ئەخلاق يېتىلدۈرۈش مەنبەسى، تۆھپە يارىتىش ئاساسى. ۋەتەنپەرۋەرلىك بىزنىڭ مىللەت روھىمىزنىڭ يادروسى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىنىڭ مەنىۋى رىشتىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەڭ قەتئىي ئەۋج ئالدۇرغۇچى ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى، 100 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ ئېلىپ بارغان ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئەمەلىيىتى ۋەتەنپەرۋەرلىكنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتتى.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئاساسنى پۇختىلاپ روھنى يېتىلدۈرۈپ، قەلبلەرنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ ئورنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، مىللەتنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇش، پۈتۈن مىللەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەش، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم، زور ھەم چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ماقالە ئالتە قىسىمغا بۆلۈنگەن: ۋەتەنپەرۋەرلىك بىزنىڭ مىللەت روھىمىزنىڭ يادروسى، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىنىڭ مەنىۋى رىشتىسى؛ ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ھەربىر جۇڭگولۇقنىڭ قەتئىي ئېتىقادى ۋە مەنىۋى تايانچىغا ئايلاندۇرۇش؛ زامانىمىزدىكى جۇڭگودا، ۋەتەنپەرۋەرلىك ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن پارتىيەنى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشنىڭ يۈكسەك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش؛ دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىدىن ئىبارەت پولات ئىستىھكامنى مۇستەھكەملەش؛ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىش؛ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش بىلەن بىرلەشتۈرۈش.

  ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ئىرادىلىك، ئالىيجاناب كىشىلەر ئىلگىرىلەشكە ئىنتىلىپ، توختىماي ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ.» سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ ھەيۋەتلىك مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا نەزەر سالساق، بىز چەكسىز قەيسەرلىككە، چەكسىز ئىشەنچكە تولىمىز. ئىتتىپاقلىق كۈچ دېمەكتۇر، ئىتتىپاقلىق قانچە كۈچەيگەنسېرى، كۈچ شۇنچە زورىيىدۇ. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملىسەكلا، ھەممە بىر نىيەتتە بولغان، قەتئىي يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچنى شەكىللەندۈرەلەيمىز، بارلىق كۈچلۈك دۈشمەن، بارلىق جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭەلەيمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قاراپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ